Uyghur←ChineseMain Dictionary
گۇئارانىلار
Domain: ئۇنىۋېرسال瓜拉尼人
guā lā ní rén
Domain: دۇنيا تارىخى瓜拉尼人
guā lā ní rén
جەنۇبىي ئامېرىكا تۇپى - گۇئارانى تىللىرى سىستىمىسىدىكى ئىندىئانلار. برازىلىيىنىڭ غەربى، ئورۇگۋاينىڭ شىمالىي، ئارگېنتىنانىڭ شەرقىي شىمالىي قىسىملىرىدا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، شۇنىڭدەك پاراگۋاينىڭ ھەممە يېرىگە تارقالغان. ⅥⅩ ئەسىردە پاترىئارخاللىق كوممۇنىسى باسقۇچىدا بولۇپ، ئاقساقاللار ھۆكۈمرانلىق قىلغان. كاۋا، كۆممىقوناق قاتارلىق زىرائەتلەرنى تېرىغان، ئوۋچىلىق ۋە ئۆي ھايۋانلىرىنى بېقىش بىلەن شۇغۇللانغان، قولۋاق ياساشقا ئۇستا. ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىلىرى تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن كېيىن، ئەيسا جەمئىيەتلىرى گۇئارانىلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا دىنىي رايونلارنى قۇرۇپ، دەھشەتلىك ئېكسىپىلاتاتسىيە قىلغان. گۇئارانىلارنىڭ ناخشا - ئۇسۇللىرى، ئەپسانىلىرى جەنۇبىي ئامېرىكا خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ مۇھىم تەركىبى بولۇپ، پاراگۋاينىڭ ھازىرقى زامان خەلق مۇزىكىسىغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن. گۇئارانى تىلى پاراگۋايد ھازىرمۇ كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلماقتا.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.