UyghurMain Dictionary
گۇۋاھچى
مەنىداش سۆزلۈكلەر
دەلىل - ئىسپات بەرگۈچى، ئىش - ھەرىكەتنى ئىسپاتلىغۇچى.
تىلغا چىشى گۇۋاھ بولسۇن. قازاننىڭ گۇۋاھچىسى چۆمۈچ، ئىمامنىڭ گۇۋاھچىسى مەزىن. سۆز تىل جىلۋىسىنىڭ شاھىتى، بىلگىن، بۇ جىلۋىدىن مەھرۇم بولۇش بەك قىيىن.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
دېلونىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى بىلگەنلىكتىن سوراقتا گۇۋاھلىق بېرىشكە ئۇقتۇرۇش قىلىنغان ئادەم كۆزدە تۇتۇلىدۇ. گۇۋاھچى چوقۇم سەمىمىي، ئادىل بولۇشى كېرەك. شەرىئەت بالاغەتكە يەتكەن ھۆر مۇسۇلماننىڭ ئىسپاتىنى قوبۇل قىلىدۇ. قۇللار ۋە مۇسۇلمان ئەمەس كىشىلەرنىڭ ئىسپات بېرىش ھوقۇقى بولمايدۇ؛ ئاياللار گۇۋاھلىق بېرىدىغان تولۇق لاياقەتكە ئىگە ئەمەس. ھەق تەلەپ دەۋاسىدا بىر ئەرنىڭ ئورنىدا ئىككى ئايال گۇۋاھلىق بەرسە بولىدۇ. جىنايى ئىشلارغا دائىر سوراق ۋە ھۆكۈمدە بەزىدە (مەسىلەن، زىناخورلۇق جىنايىتىنى بېكىتىشتە) تۆت گۇۋاھچىنىڭ ئىسپات بېرىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. شۇنداق بولغاندىلا جىنايەت پاكىتىنى بېكىتكىلى بولىدۇ. سوراق ۋە ھۆكۈم داۋامىدا دەۋالاشقۇچىلار پاكىت كۆرسەتكۈچىنىڭ سالاھىيىتى، پەزىلىتىدىن گۇمانلانسا، مەھكىمە شەرئى ئاشكارا ياكى مەخپىي تەكشۈرۈش ھوقۇقىغا ئىگە. گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى مەھكىمە شەرئىدىكى سوراق ۋە ھۆكۈمنىڭ ھۆكۈم ئاساسلىرىدىن بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. گۇۋاھچى گۇۋاھلىق بېرىشتىن ئىلگىرى قۇرئان تۇتۇپ قەسەم بېرىشى كېرەك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
بىرەر ۋەقە، ھادىسە يۈز بەرگەن پەيتتە بار بولغان، ئۇنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن كىشى، شاھىد.
قازاننىڭ گۇۋاھچىسى چۆمۈچ (ماقال).
<قا> دېلونىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى بىلىدىغان ھەمدە كېلىپ گۇۋاھلىق بېرىشكە چاقىرىلغان كىشى.
ئەنۋەرمۇ گۇۋاھچى سۈپىتىدە ساقچى قورۇسىغا ئېلىپ كېلىندى.