UyghurMain Dictionary
گۇستاۋ ئادولف
دۇنيا تارىخى
(1594 - 1632) شۋېتسىيە كورۇلى (1611 - 1632). ياش ۋاقتىدا ياخشى تەربىيە ئالغان، ئاتىسىغا ئەگىشىپ يىراق يەرلەرگە ساياھەتكە بارغان، ھۆكۈمەت يىغىنلىرىغا قاتناشقان ھەمدە ئۆزىنىڭ كىنەزلىكىگە تەۋە يەرلەرنى باشقۇرغان. تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلىدە، مەملىكەت ئىچىگە قارىتا؛ مەمۇرىي ئىسلاھاتنى يولغا قويۇپ، پارلامېنت تەشكىلىنىڭ نىزاملىرىنى تۈزۈپ چىققان؛ ئەرزىيەت سوتىنى تەسىس قىلىپ، ھۆكۈم تەرتىپلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن؛ قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنى ئۆزگەرتىپ رەتلىگەن؛ كان ئېچىش، مېتاللورگىيە، ياغاچ ماتېرىياللىرى قاتارلىق سانائەتلەرنى راۋاجلاندۇرغان. سىرتقا قارىتا؛ روسىيە، پولشا، دانىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن زومىگەرلىك تالىشىپ، 1611 -1613 - يىللىرى دانىيە بىلەن ئۇرۇشۇپ، مەغلۇپ بولغان. كنارېدتا سۈلھ تۈزۈشۈپ، ئالتە يىل ئىچىدە غايەت زور مىقداردا تۆلەم تۆلەپ، دانىيە ئىشغال قىلىۋالغان شۋېتسىيىنىڭ ئېرۋوسبورگنى ۋە ئۇنىڭغا تەۋە يېقىن ئەتراپتىكى جايلارنى قايتۇرۋالغان؛ 1614 - يىلى روسىيىگە ھۇجۇم قىلىپ، غەلىبىگە ئېرىشىپ، <ستولبوۋو كېلىشىمى>نى ئىمزالاپ، فېنلاندىيە قولتۇقىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى كەڭ زېمىنىنى ئىگىلىۋالغان؛ 1621 - 1629 - يىللىرى پولشا بىلەن ئۇرۇش قىلىپ، لىۋونىيە بىلەن مېمېل قاتارلىق جايلارنى ئىگىلىۋالغان؛ 1630 - يىلىدىن باشلاپ 30 يىللىق ئۇرۇشقا قاتنشىپ، كاتولىك دىنى ئىتتىپاقى ۋە مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيە ئارمىيىسىنى كۆپ قېتىم مەغلۇپ قىلغان؛ كېيىن لونزېن جېڭىدە يارىدار بولۇپ ئۆلگەن.