Uyghur←ChineseMain Dictionary
گۇسمان بلانكو
Domain: دۇنيا تارىخى古斯曼.布兰科
gǔ sī màn .bù lán kē
(1829 - 1899 - يىللار)؛ ۋېنسۇئېلا زۇڭتۇڭى (1870 - 1877، 1879 - 1884، 1886 - 1888). ئاتاقلىق ئائىلىدە تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا داشۆدە قانۇن كەسپىنى ئۆگەنگەن. ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىنىڭ كاتىپى بولغان ھەمدە پائېزغا قارشى ئىچكى ئۇرۇشقا قاتنىشىپ، گېنېراللىققا ئۆستۈرۈلگەن. كېيىن مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ (1863 - 1868)، مۇۋەققەت زۇڭتۇڭ (1870) ھەمدە بىرقانچە نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ بولغان ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىللەردە ھۆكۈمەتنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەپ، چەت ئەل كاپىتالى بىلەن ئۆز دۆلىتىنىڭ بايلىق مەنبەسىنى ئېچىشىغا ئلھام بەرگەن ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرگەن، چېركاۋلارنىڭ ئۆكتەملىكى ۋە مونوپول قىلىشىغا قارشى تۇرغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شەخسىي مۇستەبىتلىكنى يولغا قويۇپ، ئۆكتىچىلەرنى باستۇرۇپ، قاتتىق نارازىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. كېيىن ئەنگلىيەنىڭ مەجبورلىشى ئارقىسىدا گۋىئانا چېگرا مەسىلىسىنى ھەل قىلغان، 1888 - يىلى پارىژدا ئىستېپا بېرىشكە مەجبور بولغان. فرانسىيىدە ئۆلگەن.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.