Chinese→UyghurMain Dictionary
古斯塔夫三世
دۇنيا تارىخى
گۇستاۋ Ⅲ
(1746 - 1792) شۋېتسىيە كۇرۇلى (1771 - 1792). 1771 - يىلى ئاتىسى، كورۇل ئادولف فرېدرىخ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، فرانسىيىدىن شۋېتسىيىگە قايتىپ كېلىپ تەختكە ۋارسىلىق قىلغان. شۇ ۋاقىتلاردا <شىلەپىچىلەر> بىلەن <شەپكىچىلەر> ھوقۇق تالىشىۋاتقان بولۇپ، 1772 - يىل 8 - ئاينىڭ 19 - كۈنىگە كەلگەندە، فرانسىيە ۋە ئۆز دۆلىتىدىكى ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ قوللىشى ئاستىدا سىياسىي ئۆزگىرىش قىلىپ، كورۇلى تولۇق ھوقۇقلۇق ھۆكۈمرانلىقىنى تۇرغۇزۇپ، شۋېتسىيە تارىخىدىكى ئەركىن دەۋر (1718 - 1772) گە خاتىمە بەرگەن. بەزىبىر ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بېرىشقا ئۇرۇنۇپ كۆرگەن بولسىمۇ، نەتىجىسى بولمىغان. 1778 - يىلىدىن كېيىن ئىستىبداتلىق قىلغان، مالىيە قىيىنچلىقى يۈز بېرىپ، ئۆكتىچىلەر باش كۆتۈرگەن. مەملىكەت ئىچىدىكى خەلقنىڭ دىققەت - نەزىرىنى بۇراش ئۈچۈن، 1788 - يىلى روسىيىگە قارىتا ئۇرۇش قوزغىغان. ئىككىنچى يىلى قوشۇن ئىچىدىكى ئۆكتىچىلەر - ئەنيالان ئىتتىپاقىنى باستۇرغان. 1790 - يىلى روسىيە بىلەن <ۋېرېل سۈلھ> نى ئىمزالىغان. فرانسىيە زور ئىنقىلابىغا دۈشمەنلىك بىلەن قاراپ، فرانسىيگە قارشى جازا يۈرۈشىنى پىلانلىغان. كېيىن مەخپىي ئۆلتۈرۈلگەن.