Uyghur←EnglishMain Dictionary
گۇركالار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
Gurkahalis
گۇركالار نېپال پادىشاھلىقىدا ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەت بولۇپ، بەزىدە <نېپاللىقلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
گۇركالارنىڭ 3.83 پىرسەنتىنى نېپالنىڭ گۇركا، پالپا ۋە كاتماندۇ قىيپاش ئويمانلىقىغا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، نوپۇسى 10 مىليون بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت نوپۇسىنىڭ تەخمىنەن 60 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. بۇندىن باشقا، ھىندىستان تەۋەسىدە 1 مىليون 300 مىڭدىن كۆپرەك گۇركال تارقاق ئولتۇراقلاشقان.
گۇركالار ياۋروپا ئىرقىنىڭ ھىندى - پامىر تىپىغا كىرىدۇ؛ بىراق، ياۋروپا ئىرقىنىڭ ئوتتۇرا دېڭىز تىپى بىلەن موڭغۇل ئىرقىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا تىپىمۇ ئارىلاشقان.
گۇركالار ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسى ھىندى تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە گۇرك (نېپال) تىلىنى قوللىنىدۇ، بۇ تىل نېپال دۆلەت تىلى ھېسابلىنىدۇ، ئىنگىلىز تىلىنىمۇ بىلىدۇ، سانسىكىرىت يېزىقىنى قوللىنىدۇ، گۇركالارنىڭ تىل - يېزىقى ھىندىستان كۆچمەنلىرى بىلەن يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ئۇزاق ۋاقىت ئالاقىلىشىش داۋامىدا شەكىللەنگەن.
گۇركالار ئاساسەن ھىندى دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.
گۇركالارنىڭ 90 پىرسەنتى دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، قالغانلىرى چارۋىچىلىق قول ھۈنەرۋەنچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، دېھقانچىلىقتا شال، كۆممىقوناق، بۇغداي، تېرىق، ئارپا ۋە پۇرچاق تېرىلىدۇ، ئىقتىسادىي زىرائەتلەردىن سېرىق كەندىر، شېكەر قومۇچى، تاماكا ۋە كۈنجۈت قاتارلىقلار ئۆستۈرۈلىدۇ.
گۇركالار تەخمىنەن Ⅹ[KG-*2]Ⅱ ئەسىردە ھىندىستاندىن ھازىرقى نېپال تەۋەسىگە كۆچۈپ كىرگەن ئارىئانلار بىلەن يەرلىك كاماگار، گۇرۇڭ قاتارلىق كۆچمەن چارۋىچى قەبىلىلەرنىڭ ئۇزاق ۋاقىت قوشۇلۇشىدىن شەكىللەنگەن مىللەت.
گۇركالار ئاساسەن بىر ئەر بىر خوتۇنلۇق نىكاھ تۈزۈمىنى يولغا قويغان بولۇپ، نىكاھ ئىشلىرىنى ئاتا - ئانىلىرى بەلگىلەيدۇ، شۇ سەۋەبىتىن قول ئىلكىدە بارلار ئىچىدە بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش ئەھۋاللىرىمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ.
گۇركالارنىڭ دىنىي ۋە ئەنئەنىۋى ھېيت - بايراملىرى بىر قەدەر كۆپ بولۇپ 100 نەچچىگە يېتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە <دولكا> بايرىمى، دىۋال بايرىمى ۋە داسسائىن بايرىمى بىلەن يىلان بايرىمى، سىۋا ئىلاھى بايرىمى قاتارلىقلارنى ئومۇميۈزلۈك، بىر قەدەر داغدۇغىلىق ئۆتكۈزىدۇ.
گۇركالارنىڭ مېيتنى ئۇزىتىش ئادەتلىرى ئۆزگىچە بولىدۇ، ئۇلار كىشى قازا تاپقاندىن كېيىن، جەسەتنى دەريا بويىغا ئاپىرىپ كۆيدۈرۈپ، بىر پارچە ئۇستىخاننىڭ كۈلىنى ساقلاپ، قالغانلىرىنى دەرياغا تۆكۈۋېتىدۇ.
قول ئىلكىدە بار كىشلەر ئالاھىدە گانگ دەرياسى بويىغا ئاپىرىپ جەسەتنى كۆيدۈرۈپ كۈلىنى دەرياغا تۆكۈۋېتىدۇ.
گۇركالار كالىنى ئىلاھنىڭ سىمۋولى دەپ قاراپ .ۇنى ئالاھىدە قەدىرلەيدۇ.
گۇركالارنىڭ ئەنئەنىۋى كۆڭۈل ئېچىش ۋە تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى ئىچىدە پىل ئۈستىدە تۇرۇپ توپ ئويناش مۇسابىقىسى مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى تاماشىبىنلارنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلىدۇ.
گۇركالارنىڭ قائىدە - يوسۇن ۋە پەرھىزلىرىمۇ بىر قەدەر كۆپ بولىدۇ، ئۇنى ئادەم دۇنياغا كەلگەندىن تارتىپ تاكى ئۆلگىچە داۋاملاشتۇرىدۇ. مەسىلەن: قىزلىرى 9 - 10 ياشقا كىرگەندە بالاغەتكە يېتىش كىيىمى كېيىدۇ. بويىغا يەتكەندىن تارتىپ ئۆيىدە يالغۇز ساقلايدۇ، ياتلىق بولۇش ئالدىدا 14 كۈن ئاتا - ئانىسى ۋە قان - قېرىنداشلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشمەيدۇ؛ كىچىكلەر چوڭلارنىڭ پۇتىغا سۆيۈپ قويىدۇ ۋە باشقىلار.
گۇركالار (نېپاللىقلار) نىڭ ئىسىم، فامىلىسى بىر قەدەر ئۇزۇن بولۇپ، ئادەتتە ئۈچ ھەتتا تۆت، بەش سۆزدىن تەركىب تاپىدۇ، بېشىدىكىسى ئىسىم، ئوتتۇرىدىكىسى دىنىيي ئېتىقاد ياكى ئۆزلىرى قوشۇۋالغان مەلۇم مەنە بېرىدىغان سۆز، ئاخىردىكىسى فامىلە ھېسابلىنىدۇ.