Uyghur←ChineseMain Dictionary
گۇناھتىن ساقىت قىلىش تۇمارى
Domain: دۇنيا تارىخى赎罪卷
shú zuì juǎn
لاتىنچە <indulgentia> ئىندۇلگېنتىيە يەنى <ئەپۇ قىلش> دىن كېلىپ چىققان. رىم پاپاسى باستۇرغان بىرخىل گۇناھتىن ساقىت قىلىش تۇمارى. كاتولىك چېركاۋى مۇرىتلىرى بۇ خىل تۇمارنى سېتىۋالسا، گۇناھتىن ساقىت بولۇپ، ئۆلگەندىن كېيىن دوزاخ ئازابىغا ئۇچرىمايدۇ، دەپ جاكارلانغان. گۇناھتىن ساقىت قىلىش تۇمارىنىڭ باھاسى، شۇ كىشى ئۆتكۈزگەن گۇناھلارنىڭ چوڭ - كىچىلىكىگە ئاساسەن بېكىتىلگەن. ⅡⅩ ئەسىردىن باشلاپ، پاپا ۋە چېركاۋ گۇناھتىن ساقىت قىلىش تۇمارىنى كۆپلەپ بېسىپ ۋە سېتىپ، ناھايىتى كۆپ بايلىققا ئىگە بولغان، شۇنىڭ بىلەن جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ئىلغار قاتلاملارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.