UyghurMain Dictionary
گۇناھىنى يۇيۇش ۋە ھىجرەت قىلىش تەشكىلاتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
<مۇسۇلمانلار جەمئىيىتى> مۇ دېيىلىدۇ. مىسىردكى ئېكسترىمىزمچى تەشكىلات بولۇپ، بۇنى ئەسلىدىكى مىسىر مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئەزاسى شۈكرى مۇستافا 1970 - يىلى قۇردى. ئەسلىي مەخپىي تەشكىلات بولۇپ، 1974 - يىلىدىن باشلاپ ئاشكارا پائالىيەت قىلدى. ئەزالىرى مىسىرنىڭ شىمالىدىكى ياشلارنى ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئاساس قىلدى. ئۇلار سەئىد قۇتۇپ ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلىپ، مىسىر جەمئىيىتى جاھلىيەت دەۋرىدە تۇرۇپتۇ. ھەقىقىي مۇسۇلمانلار ۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۈلگە قىلىپ، ھىجىرەت قىلىش ئارقىلىق كاپىرلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلغان مۆمىنلەر تەشكىلاتىنى قۇرۇش لازىم، دېدى. شۇ مەقسەتتە ئۇزۇن مۇددەت كۈچ توپلاپ، پۇرسەت يېتىلگەندە، جىھاد ئارقىلىق ھاكىمىيەتنى تارتىۋالماقچى بولدى. 1978 - يىلى 3 - ئايدا مىسىرنىڭ دىنىي ئىشلار مىنستىرىنى تۇتقۇن قىلغانلىقى بىلەن ئەيىبلەندى. كېيىن ساقچى قىسىملىرى بىلەن توقۇنۇشۇپ 400 دىن ئارتۇق ئادىمى قولغا ئېلىندى. بەش رەھبىرىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلدى.