Uyghur←ChineseMain Dictionary
گۇمما ۋەقەسى
دۇنيا تارىخى
群马事件
qún mǎ shì jiàn
ياپونىيىدە ئەركىن خەلق ھوقۇقى ھەرىكىتى مەزگىلىدە لىبراللار پارتىيىسنىڭ گۇمما ناھىيىسىدىكى ئەزالىرى رەھبەرلىك قىلغان دېھقانلارنڭ قوراللىق قوزغىلىڭى ۋەقەسى. 1884 - يىلى 4 - ئايدا، لىبېراللار پارتىيىسىنىڭ گۇمما ناھىيىسىدىكى ئەزالىرىدىن خىبى سون قاتارلىق كىشىلەر دېھقانلار، ئوۋچىلارنى ھەربىي تەلىم - تەربىيە ئېلىشقا تەشكىللەپ، قوشۇن تارتىپ، ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا تەييالىق قىلغان. 5 - ئاينىڭ باشلىرىدا، ئۇلار تاكاساكىدىكى خونجو ۋوگرالىنىڭ يېنىغا يوشۇرۇنۇپ، ناكاسېندو تۆمۈريولىدا پويىز قاتناش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كېلىدىغان يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىشقا ۋە ئۇلارنى تىرىك تۇتۇشقا ئۇرۇنغان. بىراق ھۆكۈمەت بۇنىڭدىن ئالدىن خەۋەر تاپقانلىقتىن، پويىز قاتناش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلمىگەن. ئۇلارنىڭ پىلانى شۇنىڭ بىلەن ئەمەلگە ئاشمىغان. 5 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، خىبىسون قاتارلىقلار 3000 دېھقاننى باشلاپ، مىيوگىسان تېغىنىڭ ئېتىكىدىكى جىمباداكې دېگەن يەردە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، ئاكابى تامسوكېنىڭ جازانىخورلۇق شىركىتىنى پاچاقلاپ تاشلاپ، ماتسۇيداماچى ساقچى شۆبە مەھكىمىسىنى ئىگىلىۋالغان ھەمدە تاكاساكى ھەربىي لاگېرىغا ھۇجۇم قىلماقچى بولغان. لېكىن ئۇزۇقلۇق ئاشلىق تۈگەپ قالغانلىقتىن، ئۇزۇن ئۆتمەيلا تارقىلىپ كەتكەن. خىبى سون قاتارلىق 42 كىشى قولغا ئېلىنغان. ئۇلارغا ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئىككى يىلدىن 13 يىلغىچە قاماق جازاسى بېرىلگەن.