UyghurMain Dictionary
گۇلشەن
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
گۈلباغ، چىمەن، باغ:
ئاۋات؛ زىننەتلىك.
كۆڭۈل، كۆڭۈللۈك، شاد، خۇرسەن، شادلىق، خۇرسەنلىك.
1. گەرچ ئەل ساڭا قاقار مېھرۇ مۇھەببەت تەبلىنى،
گۈلشەنىڭدە يوقدۇرۇر ئەسرارى مەندەك بۇلبۇلۇڭ.
قەلەندەر.
4. ئۇزارىم گۇلشەنى يادىداردۇر كۆڭلۈم بەسى نالان،
ئىكى نەرگىسلەرىڭ شەۋقىدە كۆڭلۈم كۆزگۈسى ھەيران.
ئەرشى.
5. خۇداجوي دېمە ئول جەننەت تەلەبدۇر،
ئۇشۇل گۇلشەن سۈيىگە تەشنەلەبدۇر.
خىرقەتى.
سۆيگىنى، مەھبۇبە:
جەننەت:
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
گۈللۈك، ئەتىر گۈللەر تېرىلىدىغان جاي، گۈلزار: گۈلشەنى فىرۇزا - كۆچمە مەنىسى: كۆك، ئاسمان.