Chinese→UyghurMain Dictionary
硅藻门
بىئولوگىيە
كرىمنىيلىق يۈسۈنلەر تىپى
يۈسۈنلەرنىڭ بىر تىپى. يۈسۈن تېنى كۆپ ھۈجەيرىدىن تۈزۈلىدۇ، بەزىدە ھۈجەيرىلەر ئۇلىنىپ يىپسىمان ياكى باشقا خىل ھالەتتىكى كولونىيىنى ھاسىل قىلىدۇ، ئوزۇقلىنىش ۋاقتىدا قىلئايىغى بولمايدۇ. پىگمېنت تەنچىسىنىڭ ئىچىدە ئاساسەن خلوروفىل a, c ۋەβ - كاروتىن، فۇكوفلاۋىن ۋە سىلىكومېتىل فلاۋىن قاتارلىقلار بولۇپ، سارغۇچ يېشىل ياكى سارغۇچ قوڭۇر رەڭلىك بولىدۇ. ئاسسىمىلياتسىيە مەھسۇلاتى ئاساسەن مايدىن ئىبارەت. ھۈجەيرە پوستى تەركىبىدە پىكتىن ۋە كرىمنىي بولغان قاتتىق قاسىراقتىن ئىبارەت بولۇپ، ئاستىنقى ۋە ئۈستۈنكى قاپقا بۆلۈنىدۇ، سىرتتىن قاپلاپ تۇرىدىغان چوڭراق قاپ ئۈستۈنكى قاپ، ئىچىگە كىرىپ تۇرىدىغان كىچىكرەك قاپ ئاستىنقى قاپ دەپ ئاتىلىدۇ. قاسىراقنىڭ ئالدى يۈزى كلاپانسىمان يۈز، يان يۈزى ھالقىسىمان يۈز دەپ ئاتىلىدۇ. كلاپانسىمان يۈزدە نۇرسىمان سىممېترىك (مەركىزىي سىنىپ) ياكى ئوڭ - سول سىممېترىك (پەيسىمان سىزىقلار سىنىپى) تىزىلغان سىزىقلار بولىدۇ. كۆپىيىش ئاساسەن ھۈجەيرە بۆلۈنۈش ئۇسۇلى بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ، جىنسلىق كۆپىيىشتە ئوخشاش گامېتا، غەيرىي ئوخشاش گامېتا ياكى تۇخۇملۇق گامېتا بولىدۇ. ھاسىل قىلغان زىگوتىسى يېتىلىپ مۇرەككەپ چوڭ سپورىغا، مۇرەككەپ چوڭ سپورا بىخلىنىپ يېكى يۈسۈن تېنىگە ئايلىنىدۇ. تاتلىق سۇ، دېڭىز سۈيى ياكى قۇرۇقلۇقتىكى نەم ئورۇنلارغا كەڭ تارقىلىدۇ. كرىمنىيلىق يۈسۈنلەر بېلىق، قاپلىق ھايۋانلار ھەمدە باشقا سۇدا ياشايدىغان ھايۋانلارنىڭ ئاساسلىق يەم - خەشىكى قىلىنىدۇ. ئۇلار ئۆلگەندىن كېيىن قېپقالغان ھۈجەيرە پوستى يىغىلىپ كرىمنىيلىق تۇپراقنى ھاسىل قىلىدۇ، ئۇ ئوتقا چىداملىق ئەسۋاب، پارتلاشتىن مۇداپىئەلىنىش، ئىسسىقلىق ئايرىش، تولۇقلىغۇچ، فىلتىرلىگۈچ قاتارلىقلارنى ياساشقا ئىشلىتىلىدۇ. كرىمنىيلىق تاش قاتما گېئولوگىيىلىك قىدىرىپ تەكشۈرۈش ۋە قەدىمكى يەر شەكلىنى تەتقىق قىلىشتا بەلگىلىك قىممەتكە ئىگە.
ئۇنىۋېرسال
guī zǎo mén
باتسىللارىيە تىپى