UyghurMain Dictionary
گۇيلىننىڭ شىمېن سىرتىدىكى مەسچىت
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ جۇڭگودىكى مەسچىت بولۇپ، « قەدىمىي مەسچىت » مۇ دېيىلىدۇ. مەسچىتنىڭ ئورنى گۇاڭشىنىڭ گۈيلىن شەھىرىدىكى شىمېننىڭ سىرتىدا. بۇ مەسچىت 1661 - يىلى ۋە 1798 - يىلى سېلىنغان دېگەن سۆزلەر بار. 1851 - يىلىدىن 1874 - يىلغىچە، چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرلىرىدىن مىگونىڭ باشلىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا كۆپ قېتىم رېمونت قىلىنىپ، كېڭەيتىپ سېلىنىپ، خېلى چوڭ كۆلەم شەكىللەندۈرۈلگەن. مىنگو يىللىرىدا مەسچىتتە تەنتەربىيە مەيدانىدىن باشقا، ئەرەبچە ئالىي مەكتەپ، باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە قىزلار مەكتىپى تەسىس قىلىنغان. ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە چىڭدا سىفەن مەكتىپى مۇشۇ يەرگە كۆچۈرۈپ كېلىنىپ، دەرس ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. ھازىر مەسچىت پۈتۈنلەي رېمونت قىلىندى.