Chinese→UyghurMain Dictionary
骨化石含氟量断代
دۇنيا تارىخى
تاشقا ئايلانغان سۆڭەك تەركىبىدە فتور مىقدارىغا ئاساسلىنىپ دەۋرگە ھۆكۈم قىلىش
تاشقا ئايلانغان سۆڭەكنىڭ نىسپىي دەۋرىنى ئېنىقلاشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى. ئىنسانلار ۋە ھايۋاناتلارنىڭ سۆڭىكى بىلەن چىشى ئاساسەن فتور بىلەن ئىنتايىن ئاسان بىرىكلەيدىغان گىدروكسىدلىق فوسفورلۇق مىنېرال 【Ca(PO)(OH】 دىن تەركىب تاپقان. جەسەتلەر يەرگە كۆمۈلگەندىن كېيىن يەر ئاستى سۇلىرى تەركىبىدىكى فتور بىلەن تەدرىجىي بىرىكىپ تۇراقلىق بولغان فتور - فوسفورلۇق مىنېرال 【Ca)PO()OH】 نى ھاسىل قىلىدۇ. شۇڭا، تاشقا ئايلانغان سۆڭەكنىڭ تەركىبىدىكى فتور مىقدارى نىسبىتىنىڭ ئاز - كۆپلۈكىگە ئاساسەن، مىكرو مىقدارلىق خىمىيىىۋى ئانالىز ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، كۆمۈلگەن يىلنىڭ ئۇزۇن - قىسقىلىقىغا ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ. بۇ ئۇسۇلدا ئەۋرىشكە ئېلىش ئاسان بولۇپ، پەقەت 30 - 100 مىللىگرام ئەۋرشىكە بولسىلا كۇپايە قىلىدۇ، لېكىن ئوخشىمىغان ئورۇنلارنىڭ يەر ئاستى سۇلىرىدىكى فتورنىڭ مىقدارى ئوخشىمىغاچقا، شۇنىڭدەك تېپمېراتۇرا، بېسىم ۋە باشقا خىمىيىۋى تەركىبلەردىمۇ پەرق بولغاچقا بۇ ئۇسۇل پەقەت ئوخشاش بىر رايوندا تېپىلغان تاشقا ئايلانغان نەرسىلەرنىڭ نىسپىي يىلىنى ئېنىقلاشتا قوللىنىلىدۇ