UyghurMain Dictionary
گۇڭگا
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
شارىپ (خوتەن دېئالېكتىدا).
گۇڭگا تاقىماق.
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت.
تۇتۇق، غۇۋا، گەم.
ئۇستازغا گۇڭگا كۆرۈنگەن - شاگىرتقا غۇۋا كۆرۈنىدۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يورۇق ئەمەس، روشەن ئەمەس.
قۇرۇق گەپ ھەقىقەتنى تۇتۇق قىلىدۇ، ئەمەلىيەت ھەقىقەتنى نۇرلۇق قىلىدۇ. ئاچكۆزلۈكتىن ئەقىلمۇ غۇۋا. گۇڭگا يورۇقتا كىتاب ئوقۇش كۆزگە زىيانلىق. خىرە شام يورۇقى كۆرۈندى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بويۇنغا ئورىۋالىدىغان ياكى يەلكىگە سېلىۋالىدىغان بۇيۇم.
«گۇڭگا» خوتەن دىئالېكتىدا قوللىنىلىدۇ.
شارپ ئورىغان بىر كىشى كىرىپ كەلدى. قۇمۇلدا بويۇنلۇقنى زىننەت بۇيۇمى قاتارىدا كۆرىدۇ.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
كۆرۈنۈپ، بىلىنىپ تۇرمايدىغان، ئاسان كۆرگىلى، چۈشەنگىلى بولمايدىغان.
ئېنىق، روشەن، ئايان
ئۆز - ئۆزىدىن كۆرۈنۈپ، بىلىنىپ تۇرغان، ئاسان كۆرگىلى، چۈشەنگىلى بولىدىغان.
مەقسەت ئېنىق بولسا، تۇرمۇش پارلاق بولار. ئاپتاپ قانچىلىك بولسىمۇ روشەن، بىر پارچە بۇلۇتمۇ يوشۇرىدۇ ئۇنى بەزەن. كۆپچىلىككە ئاياننى كېلىشتۈرۈپ ئېيتماق قىيىن.
شىۋىلەر
خوتەن شىۋىسى
شارپا.
شىۋىلەر
غۇلجا شىۋىسى
غۇۋا، تۇتۇق، ئېنىق بولمىغان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئېنىق كۆرۈنمەيدىغان، تۇتۇق؛ خىرە، غۇۋا.
گۇڭگا كۆرۈنمەك. گۇڭگا يورۇماق.
كىچىككىنە لامپا ئۆينى گۇڭگا يورۇتۇپ تۇراتتى.