Uyghur←ChineseMain Dictionary
گۇڭفۇ
Domain: دۇنيا تارىخى弓福
gōng fú
(؟ - 841 ياكى 846) چاۋشيەندىكى قەدىمكى سىللا دۆلىتىنىڭ ھەربىي ئەمەلدارى. كاتتا سودىگەر، خەنزۇچە ئىسمى جاڭ باۋگاۋ. ياش ۋاقىتىدا تاڭ سۇلالىسىدە شۈيجۇدىكى ۋۇخىڭ ئارمىيىسىدە كەنجى سانغۇن بولغان. ۋەتىنىگە قايتقاندىن كېيىن، مىلادى 828 - يىلى (شىڭدې خان 3 - يىلى) غەربىي جەنۇبىي دېڭىز تەۋەسىدىكى مۇھىم جاي - چىڭخەي بازىرى (چۇەنلۇنەن ئۆلكىسى كانجىن ۋىلايىتىدىكى گۇەنداۋ ئارىلى)نىڭ ئەلچىسى بولۇپ، دېڭىز قاراقچىلىرىغا زەربە بەرگەن، سىللالىقلارنى تۇتۇپ، قۇل قاتارىدا تاڭ سۇلالىسىغا سېتىپ بېرىشنى قاتتىق مەنئىي قىلغان. يەنە كېلىپ تاڭ سۇلالىسىگە، ياپونىيە ۋە سىللادىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت ئوتتۇرىسىدا دېڭىز ئارقىلىق سودا قىلىپ، زور پايدا ئۈندۈرۋالغان. تاڭ سۇلالىسىگە بارىدىغان ياپونلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇنىڭ كېمىسىگە ئولتۇرغان. 836 - يىلى خان شىڭدې ئۆلگەندىن كېيىن، جېن جۈنجىڭ خان جەمەتىدىكىلەر بىلەن پادىشاھلىق تەختىنى تالىشىشتا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان، بۇنىڭ ئۈستىگە، ئوغلى جىڭ يوجىڭ چىڭخەي بازىرىدا ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئۈچۈن گۇڭخۇنىڭ قېشىغا كەلگەن. 838 - يىلى مىنشۇەيۋاڭ شىكاڭۋاڭنى ئۆلتۈرگەن. جىڭ يوجىڭ جەمەتىدىكىلەر پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ تەختنى تالاشقان. گۇڭخۇنىڭ ئەسكەرلىرىدىن 5000 نى باشلاپ كېلىپ، ئىككىنچى يىلى مىنشۇەيۋاڭنى ئۆلتۈرۈپ ئۆزى تەختكە چىققان، ئۆزىنى شېنۋۇۋاڭ دەپ ئاتىغان. گۇڭخۇنىڭ تۆھپىسى بولغاچقا پىدائىي قوشۇن باشلىقى دېگەن ئەمەلگە ئېرىشكەن، ئىككى مىڭ ئۆيلۈك پۇقرا ئىنئام قىلىنغان، دېڭىزنى تىنچلاندۇرغۇچى سانغۇن قىلىنغان. 840 - يىلى (ياكى 845 - يىلى) سودىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن ياپونىيەنىڭ كىيوسىيو دازەي مەھكىمىسىگە ئەلچى ئەۋەتكەندە ياپونىيە ئۇنى رەت قىلغان، خان جەمەتىنىڭ ئۆز قىزىنى ياتلىق قىلىش ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرمىدى دەپ، 841 - يىلى (846 - يىلىمۇ دېيىلگەن) ئەسكەر باشلاپ ئىسيان كۆتۈرگەندە يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈلگەن.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.