UyghurMain Dictionary
گۇفتار
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
سۆز؛ سۆزلەش، گەپ قىلىش؛ بايان، سۆھبەت:
يوقتۇرۇر دۇنيا ئىشىن ئەي قەلەندەر، خۇبلۇقى،
دىلبەرىڭ ۋەسفىدە قىلساڭ بىر نەچە گۇفتار خۇب.
قەلەندەر.
توغرى سۆزلىك، ئەي كۆڭۈل، ھەقگويلەر نۇتقىدەدۇر،
ھەر دىلى ئەگرىدە يوقدۇر، ئارى، گۇفتار ئىستەمە.
نەسىمىي.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
سۆز، سۆزلەم، سۆزلەش، گەپ قىلىش، سۆھبەت: گۇفتار زەڭگىن - چىرايلىق سۆزلەر؛ پاك گۇفتار - پاك سۆز، تازا سۆز، چىن سۆز.