UyghurMain Dictionary
گۈمبەز
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يەر ئۈستىنى قاپلاپ تۇرغان گۈمبەز شەكىللىك ھاۋا رەڭ بوشلۇق.
ئاسمان بېسىۋالسا، تېگىدە تۇرۇپ مانتا يەيدىغان. ئاسماندىن تاۋار ياغسا، تۇمار قېپى تەگمەپتۇ. ئاسماندىكى غازنىڭ شورپىسىغا نان چىلاپ يەپتۇ. ئاسمان يىراق، يەر قاتتىق. گاداي كىيىمدە كەلدىڭىز، ئەمما ئەسلى ماكانىڭىز يۈكسەك كۆك - ساما، مېھرىبانلىق قىلىڭ بىر - بىرىڭىزگە، ئاسمان ئىدىڭىزغۇ، بولماڭ پەگا. كۆككە قارىما، كۆپكە قارا. مەن سېنىڭ مۇشۇنداق قىلىپ ئەرشئەلاغا چىققىنڭنى كۆرەي.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قەبرە ئۈسىتگە قۇرۇلغان ئۇچلۇق، يېرىم دۈگىلەك قۇرۇلۇش.
يەكەن قەبرىستانلىرىدا ئۇلۇغلارنىڭ قەبرىسىگە گۈمبەز قوپۇرۇلغان گۈمبەز تولا. ئۇلۇغلارنىڭ قۇببىسىنى زىيارەت قىلدىم.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ ئەسلىي مەنىسى « ئۆگزىسى يۇمۇلاق ئىمارەت » دېگەنلىك بولىدۇ. بۇنداق ئىمارەت شەكلى ئەرەب رايونلىرىدا ۋە باشقا رايونلاردا كەڭ ئومۇملاشقان. جۇڭگودا مۇرشىد ( پىر ) لارنىڭ قەبرىسى ياكى مۇرشىدلارنىڭ ئىستىقامەت قىلىدىغان جايىغا سېلىنغان ئىمارەتلەر سۈلۈكلەرنىڭ پائالىيەت مەركىزى قىلىنىپ « گۈمبەز » دېيىلىدۇ ( خۇيزۇلار ئىچىدە ). بەزىدە مەلۇم « ئەۋلىيا » لارنىڭ مەقبەرىسىمۇ شۇنداق دېيىلىدۇ ( مەسلەن، قۇمۇلدىكى قەيس خوجام گۈمبىزى ). مازار، ئۇلۇغلارنىڭ قەبرىسى ئۈستىگە ياسالغان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
قۇببە يەنى قازان شەكلىدە ياسالغان قۇرۇلما، قۇببە تەقلىدىدىكى نەرسە.