Uyghur←ChineseMain Dictionary
گۈلتاجى
Domain: بىئولوگىيە花冠
huāguān
گۈلنى تۈزگۈچى قىسىملارنىڭ بىرى بولۇپ، گۈل كاسىسىنىڭ ئىچىگە، ئاتىلىقنىڭ سىرتىغا ئورۇنلىشىدۇ. گۈلتاقى گۈلتاجى ياپراقچىلىرىنىڭ ئومۇمىي نامى. ھەربىر تال گۈلتاجى ياپراقچىسى بىرتال ھالەت ئۆزگەرتكەن يوپۇرماق بولۇپ، ئۇنىڭ سانى ئۆسۈملۈك تۈرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ پەرقلىنىدۇ. گۈلتاجىنىڭ تەركىبىدە سىئانىدىن ياكى ھەرخىل رەڭلىك پىگمېنت بولىدۇ. تەركىبىدە پىگمېنت بولمىغان ئاق رەڭلىك گۈلتاجى ياپراقچىسىمۇ بولىدۇ. گۈلتاجى ياپراقچىلىرى ئۆزئارا ئايرىلىپ ئۆسكەن گۈلتاجى ياپراقچىلىرى بىرلەشمىگەن گۈلتاجى دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، قىچا، كۆك پۇرچاق، گۈلتاجى ياپراقچىلىرى ئۆزئارا قوشۇلۇپ كەتكەن گۈلتاجى دپ ئاتىلىدۇ. گۈلتاجى ياپراقچىلىرىنىڭ قوشۇلۇپ كېتىش دەرىجىسى ئوخشاش بولمايدۇ، ئادەتتە تۈۋى قوشۇلۇپ كېتىپ ئۇچى ئايرىلىپ تۇرىدۇ. مەسىلەن، پېدىگەن، كاۋا، كۈنجۈت؛ يەنە بەزىلىرىنىڭ ھەممە يېرى قوشۇلۇپ كېتىدۇ. مەسىلەن، ھەشقىپىچەك. گۈلتاجىنىڭ شەكلى كۆپ خىل بولۇپ، ئۆسۈملۈك تۈرلىرىنى بېكىتىشتە مۇھىم ئاساس قىلىنىدۇ. مەسىلەن، كرېست شەكىللىك گۈلتاقى (كرېست گۈللۈكلەر ئائىلىسى)، كېپىنەكسىمان گۈلتاجى (پۇرچاق ئائىلىسى)، كالپۇكسىمان گۈلتاجى (كالپۇكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسى، چۇقا ئائىلىسى)، ۋارونىكسىمان گۈلتاجى (يۆگەيلەر ئائىلىسى)، قوڭغۇراقسىمان گۈلتاجى (قوڭغۇراقگۈل ئائىلىسى)، نەيسىمان گۈلتاجى ۋە تىلسىمان گۈلتاجى (جۇخار گۈلى ئائىلىسى) قاتارلىقلار. گۈلتاقى دەسلەپكى مەزگىلدە گۈل بېخىنى قوغداش رولىنى ئوينايدۇ. ھاشارات ۋاسىتىسى بىلەن چاڭلىشىدىغان ئۆسۈملۈكلەرنىڭ گۈلتاجىنىڭ رەڭگى ئوچۇق ھەمدە خۇش پۇراق بولۇپ، ھاشاراتلارنى جەلپ قىلىش چاڭ تارقىتىش رولىنى ئوينايدۇ. گۈلتاجى گۈل چاڭ تارقىتىپ بولۇپ ئورۇقلانغاندىن كېيىن تۆكۈلۈپ كېتىدۇ.
Domain: ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىئاياللار ئىسىملىرى
古丽塔吉
gǔ lì tǎ jí
ئۇنىۋېرسال,باغۋەنچىلىك
花冠
huā guān
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.