UyghurMain Dictionary
گۈللۈك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
گۈللەر تېرىلغان، ئۈنگەن، ئۆسكەن يەر.
گۈللۈكتە ئوينىسا كىشى، چىمەن باغلىسا كىشى. گۈلزاردا ئەتىرنىڭ قەدىرى بولماس. گۈلچىگە يېقىملىق بوستان - گۈلزار، ئوتۇنچى كۆڭلىنى قىلار تىكەنزار. گۈلشەن بۇلار قاقاس چۆل، كۆچەت تىكىپ، تېرىسا گۈل. زېمىن باشتىن ئاياغ گەر لالىزاردۇر. يالىڭاياغ يۈرمە، تىكىنى باردۇر. دىل ھىممىتىڭدىن ھايات گۈلىستان، قول قۇدرىتىڭدىن ھەممە ياق بوستان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. گۈلى بار، گۈل چۈشۈرۈلگەن، گۈلدار.
گۈللۈك رەخت. گۈللۈك چىت. گۈللۈك چىنە. گۈللۈك ئىشكاپ. گۈللۈك ياغلىق.
ئى. گۈل تېرىپ ئۆستۈرۈلگەن جاي، گۈلزار.
پەرىدە جاۋاب ئورنىدا كۈلۈپلا قويدى. ئۇلار ئەمدى ياندىكى گۈللۈككە سۈرۈلدى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
گۈلى بولغان كىشى.