Uyghur←ChineseMain Dictionary
گۈلەمبەر
Domain: ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىئاياللار ئىسىملىرى
古莱姆拜尔
gǔ lái mǔ bài ěr
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
飞燕草
fēi yàn cǎo
ئېيىقتاپانلىقلار ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق گۈلەمبەرگە ئۇرۇقداش
ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 30 - 120 سانتىمېتىر. پۈتۈن تېنىدا ئاق تۈكلەر بولىدۇ؛ يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، ئالىقانسىمان يېرىلىدۇ،
يېرىقچە يوپۇرماقلىرىدا رەتسىز كەمتۈكلەر بولىدۇ؛ گۈلى كۆك بولۇپ، شەكلى ئۇچۇۋاتقان قۇشقا ئوخشايدۇ، مېۋىسى غۇنچە مېۋە. ئورمانلىق ۋە تاغ
باغرىدىكى نەم يەرلەردە بولىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن تېنى ئىشلىتىلىدۇ.
ياز ياكى كۈزدە يىغىۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ
ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئورمانلىق ۋە تاغ باغرىدىكى
نەملىكلەردە ئۆسىدۇ.
قۇرۇق ئىسسىق.
قىزىتمىنى پەسەيتىش، ئاغرىق پەسەيتىش، قۇرت ئۆلتۈرۈش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىشلىتىلىدۇ.
گۈلەمبەرنى قاينىتىپ، ئېغىزنى چايقاپ بەرسە(يۇتۇۋېتىشكە بولمايدۇ)، ئىسسىق يەلدىن بولغان چىش ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
گۈلەمبەرنى قاينىتىپ بەدەننى يۇسا، پىتنى ئۆلتۈرىدۇ.
گۈلەمبەر يوپۇرمىقىنى قاينىتىپ باشنى يۇسا، قىزىتمىنى ياندۇرۇپ، ئىسسىقتىن بولغان باش ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
گۈلەمبەرنىڭ گۈلىنى ئېزىپ جىگەر ئەتراپىغا تاڭسا، جىگەرنىڭ ھارارىتىنى تۆۋەنلىتىپ، ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ.
GetWord Corpus
9飞燕草
飞燕草(毛莨科)
fēi yàn cǎo
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.