Uyghur←ChineseMain Dictionary
گۈل چېڭى
بىئولوگىيە
花粉
huāfěn
ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر ئاتىلىقىنىڭ چاڭدېنى ئىچىدىكى مىكرو تىپتىكى تۈزۈلۈش. گۈل چېڭى يۇمران مەزگىلدە (يەككە ھۈجەيرىلىك مەزگىلى) كىچىك سپورىغا، پىشقاندا ئاتىلىق گامېتىغا باراۋەر كېلىدۇ. يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ گۈل چېڭى پىشىش ۋاقتىدىكى ھالىتىگە ئاساسەن ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ؛ بىرى، ئىككى ھۈجەيرىلىك گۈل چېڭى (ئىككى مېغىزلىق گۈل چېڭى)، ئۇبىر دانە ئوزۇقلىنىش ھۈجەيرىسى بىلەن بىر دانە كۆپىيىش ھۈجەيرىسىدىن تۈزۈلىدۇ. مەسىلەن، كۆك پۇرچاق، كېۋەز، كۈنجۈت، تاماكا، گۈلسامساق. يەنە بىرى ئۈچ ھۈجەيرىلىك گۈل چېڭى (ئۈچ مېغىزلىق چاڭ). ئۇ بىردانە ئوزۇقلىنىش ھۈجەيرىسى بىلەن ئىككى دانە سپېرمىدىن تۈزۈلىدۇ. مەسىلەن، شال، بۇغداي، قىچا، ئاپتاپپەرەس. كۆپىيىش ھۈجەيرىسى ياكى ئۇنىڭ بۆلۈنىشىدىن ھاسىل بولغان سپېرما ئوزۇقلىنىش ھۈجەيرىسىنىڭ ئىچىگە يوشۇرۇنغان بولۇپ، كېيىنكىلىرى ئۇنى قوغدايدۇ ۋە ئوزۇقلاندۇرىدۇ. گۈل چېڭى ئادەتتە ئەركىن ھالەتتە، قىسمەن ئەھۋالدا بىرىككەن ھالەتتە بولىدۇ. كاككۇكگۈل ۋە يىكەندە بىر دانە گۈل چېڭى ئانا ھۈجەيرىسىدىن ھاسىل بولغان تۆت تال گۈل چېڭى ئۇزۇن مەزگىل تۆت بۆلەك تەنىچە ھالىتىنى ساقلاپ قالىدۇ؛ تۈلكە مايىقى ئائىلىسى ۋە چىڭگىلىك ئائىلىسىدىكى كۆپلىگەن ئۆسۈملۈكلەرنى گۈل چاڭ دانىچىلىرى بىرلىشىپ كاللەكنى ھاسىل قىلىدۇ، بۇ گۈل چاڭ كاللىكى دەپ ئاتىلىدۇ. تارقىلىش ۋاقتىدا گۈل چېڭى كاللىكىنى بىرلىك قىلغان ھالدا ئانىلىق ئاغزىغا قونىدۇ. گۈل چېڭىنىڭ سىرتىدا گۈل چاڭ پوستى بولىدۇ، گۈل چاڭ پوستى ئۈستىدىكى نېپىز دائىرە بىخلىنىش تۆشۈكى دەپ ئاتىلىدۇ. گۈل چېڭى ئانىلىق ئاغزى ياكى باشقا مۇۋاپىق شارائىتقا چۈشكەندىن كېيىن بىخلىنىش تۆشۈكىدىن گۈل چېڭى نەيچىسى ئۆسۈپ چىقىدۇ، گۈل چېڭى نەيچىسى سپېرمىنى تۆرەلمە خالتىسىغا يەتكۈزۈپ ئۇرۇقلاندۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. گۈل چېڭى دانىچىسىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى، شەكلى، پوستىنىڭ رەڭگى ۋە سىزىقلىرى، بىخلىنىش تۆشۈكىنىڭ شەكلى ۋە سانى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەر ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تۈرلىرى (تاشقاتما ئۆسۈملۈكلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) نى باھالاپ بېكىتىشتە پايدىلىنىدۇ. گېئولوگىيىلىك ئېرا، ھەسەل مەنبەسى ھەمدە گۈل چېڭىغا سەزگۈرلۈكى ئېشىپ كېتىش كېسەللىكى (ئوت - چۆپ قىزىتمىسى) نىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلاشقا ياردەم بېرىدۇ.
تېببىي,ئورمانچىلىق,دېھقانچىلىق,ئۆسۈملۈك,باغۋەنچىلىك
花粉
huā fěn
ئۇنىۋېرسال
huā fěn
花粉