UyghurMain Dictionary
گۈدۈك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە
سىگنال بېرىلىدىغان تۈرلۈك مېخانىكىلىق قۇرۇلمىلار.
پاراۋۇز گۈدۈكى. زاۋۇت گۈدۈكى.
شۇنداق قۇرۇلمىلاردىن چىقىرىلغان ئاۋاز؛ سىگنال.
گۈدۈك بەرمەك.
ئەتىگەنلىكى سائەت ئالتىدىن ئاشقاندا، ئۆزىنى پاراخوتنىڭ گۈدۈكى ئويغاتتى.
ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
بۇ، كوللېكتىپ شېئىرلار توپلىمى بولۇپ، 1982 - يىل 8 - ئايدا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. توپلامغا ئازادلىقنىڭ ئالدى - كەينىدە ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، ۋاپات بولغان ئەنۋەر ناسىرى، نۇر مۇھەممەت بوساقۇپ، قاسىمجان قەمبىرى، ئابدۇللا ھاپىز، ئىبراھىم نورۇز، نىغمەت خەلپەت، تاجىدىن قادىرى، ئابلىز شېرىپ، ئەمەت غوپۇر قاتارلىق شائىرلارنىڭ بىر قىسىم شېئىر - داستانلىرى كىرگۈزۈلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ئۇلارنىڭ ھاياتى، ئىجادىي پائالىيىتى ھەققىدىكى قىسقىچە تەرجىمھالى سۈرەتلىرى بىلەن قوشۇپ بېرىلگەن.