UyghurMain Dictionary
گۇدېرىئان
دۇنيا تارىخى
(1888 - 1954) فاشسىت گېرمانىيەنىڭ گېنرالى. 1914 - يىلى بېرلىن قۇرۇقلۇق ئارمىيە داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئاتلىق ئەسكەرلەر قىسمىدا خىزمەت قىلغان. ئۇرۇشتىن كېيىن دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيىسىدە داۋاملىق قېپقالغان. 1935 - يىى بۇيرۇققا بىنائەن تانكا قىسىملىرىنى قۇرۇپ، ئىككىنچى تانكا دىۋىزىيىسىنىڭ باشلىقى بولغان. 1938 - يىلى گېنېرال لېيتېنانتلىققا ئۆستۈرۈلۈپ، 16 - ئارمىيىنىڭ باشلىقى بولغان. قول ئاستىدا ئۈچ تانكا دىۋىزىيىسى بولغان. 1939 - يىلى <دىققەت! تانكا!> دېگەن كىتابىنى ئېلان قىلىپ، تانكىنى مەركەزلەشتۈرۈپ تېز سۈرئەتتە ھۇجۇم قىلىدىغان <چاقماق تېزلىكىدىكى ئۇرۇش>نى تەرغىپ قىلغان. 1940 - يىلى 19 - تانكا قىسمىنىڭ باشلىقى بولۇپ فرانسىيىگە ھۇجۇم قىلغان، كېيىن گېنېرال پولكوۋنىكلىققا ئۆستۈرۈلگەن. 1941 - يىلى ئىككىنچى تانكا جىتۈەنجۈنىنىڭ قوماندانى بولۇپ، گېرمانىيەنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا تاجاۋۇز قىلغۇچى ئاساسلىق كۈچى بولغان، 1941 - يىلى 2 - ئايدا موسكۋا ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولغاندىن كېين گىتلىر تەرىپىدىن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان. 1943 - يىلى 3 - ئايدا تانكا قىسىملىرىنىڭ باش نازارەتچىسى بولغان. 1944 - يىلى 7 - ئايدا قوشۇمچە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ باش شتاب باشلىقلىقىنى ئۈستىگە ئالغان. 1945 - يىلى 3 - ئايدا شەرقىي لىنىيىدە مەغلۇپ بولغانلىقتىن يەنە بىر قېتىم ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان. كېيىن ئامېرىكا قوشۇنلىرىغا ئەسىرگە چۈشۈپ قويۇپ بېرىلگەن. <چاقماقتەك زەربە بېرىش قەھرىمانى> ناملىق ئەسىرى بار.