Uyghur←ChineseMain Dictionary
گۇبكىن
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
古布金
gǔ bù jīn
دۇنيا تارىخى
古勃金
gǔ bó jīn
(1871 - 1939). سابىق سوۋېت ئىتتپاقى گېئولوگىيە ئالىمى. كەمبەغەل دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1910 - يىلى پېتروگراد كانچىلىق ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن. 1921 - يىلى بولشېۋىكلار پارتىيىسىگە كىرگەن. ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن ئىلگىرى، ئۇزۇن مۇددەت گېئولوگىيە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. سوۋېت ھاكىمىيىتى دەۋرىدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ گېئولوگىيە خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلغان. ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ موسكۋا كان ئىنىستىتۇتى، نېفىت ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى بولغان. نېفىتنىڭ شەكىللىنىش نەزەرىيىسىنى تەتقىق قىلغان ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا رايونىدىكى نېفىتلىكىنى تاپقان. <نېفىتچىلىك ئىلمىي توغرىسىدا> قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان.