Chinese→UyghurMain Dictionary
光系统
بىئولوگىيە
光系统 Ⅰ 和光系统 Ⅱ
يورۇقلۇق سىستېمىسى Ⅰ ۋە يورۇقلۇق سىستېمىسى Ⅱ
خىل رېئاكسىيىسى بىلەن ئېمېرسون ئېففېكتى تېپىلغاندىن كېيىن، خىل بىلەن بېندال (Bendall) 1960 - يىلى خلوروپلاستتا ئىككى يورۇقلۇق سىستېمىسى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. 1962 - يىلى دۇيسېنز (Duysens) بىلەن ئامېز (Amesz) يورۇقلۇق سىستېمىسى Ⅰ (PSI ياكى007 P ) يورۇقلۇق سىستېمىسى Ⅰ (Ⅱ PS ياكى 086P ) ئۇقۇمىنى قوللاندى. بۇ ئۆسۈملۈكلەر فوتوسىنتېز جەريانىدا، دولقۇن ئۇزۇنلۇقى كەسكىن پەرقلىنىدىغان بىر دانە يىراق قىزىل نۇر (nm070) بىلەن بىر دانە قىسقا دولقۇنلۇق نۇر (nm680) نى سۈمۈرىدىغان فوتو خىمىيىلىك سىستېمىسىنى كۆرسىتىدۇ. بۇلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا يورۇقلۇق سىستېمىسى Ⅰ ۋە يورۇقلۇق سىستېمىسى Ⅱ دەپ ئاتىلىدۇ. يورۇقلۇق سىستېمىسى Ⅰ ئالدىدا تېپىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ دانىچىسى بىرئاز كىچىك، دىئامېتىرى 110 ئانگسترېم كېلىدۇ، ئۇ خالتىسىمان تەنىچە پەردىسىنىڭ سىرتقى ماي قەۋىتىنىڭ ئىچكى تەرىپىگە جايلىشىدۇ، دولقۇن ئۇزۇنلۇقى mu685 بولغان نۇر تەرىپىدىن ئاكتىپلىشىدۇ، يالتىراقچانلىقى ئىنتايىن ئاجىز، ئۇنىڭ ئېلېكترون بىلەن تەمىنلگۈچىسى - تەركىبىدە مىس بولغان بىرخىل ئاقسىل ۋە پلاستو سيانىن، قوزغىتىلغاندىن كېيىنكى ئېلېكترون قوبۇل قىلغۇچى تەنچىسى فېررېدوكسىن (dF) بولۇپ، ئېلېكترون ئەڭ ئاخىرىدا NADP+ غا يەتكۈزۈلىدۇ. يورۇقلۇق سىستېمىسى Ⅱ نىڭ دانىچىسى چوڭراق بولۇپ، دىئامېتىرى 175 ئانگسترېم كېلىدۇ. خالتىسىمان تەنىچە پەردىسىنىڭ ئىچكى ماي قەۋىتىنىڭ سىرتقى تەرىپىگە جايلىشىدۇ، يالتىراقچانلىقى يورۇقلۇق سىستېمىسى Ⅰ دىن بىرئاز كۈچلۈك، ئۇ سۇنىڭ يورۇقلۇق تەسىرىدىن ئوكسىدلىنىشى ۋە ئوكسىگېننى قويۇپ بېرىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بىر دانە سۇنى ئوكسىدلىيالايدىغان كۈچلۈك ئوكسىدلىغۇچى بىلەن بىردانە ئاجىز ئوكسىدسىزلىغۇچىنى ھاسىل قىلىدۇ. ئېلېكترون بىلەن تەمىنلىگۈچى سۇدىن كېلىدۇ، ئېلېكترون قوبۇل قىلغۇچى تېخى ھازىرغىچە ئېنىقلانمىغان سۇغارغۇچى ماددا Q بولۇپ، ئۇ ئېلېكتروننى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پلاستىد كۇينونغا يەتكۈزۈپ بېرىدۇ.
ئۆسۈملۈك
guāng xì tǒng
فوتوسىستېما