Chinese→UyghurMain Dictionary
光形态建成
بىئولوگىيە
يورۇقلۇق مورفولوگىيىسىنىڭ ھاسىل بولۇشى
يورۇقلۇق كۈچىنىشى، يورۇقلۇق سۈپىتى ۋە يورۇتۇش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن - قىسقىلىقى قاتارلىقلارنىڭ ئۆسۈملۈك مورفولوگىيىسىنىڭ ھاسىل بولۇشىنى كونترول قىلىش ھادىسىسىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ بىرخىل تۆۋەن ئېنېرگىيىلىك رېئاكسىيىنىڭ فىزىئولوگىيىلىك جەريانى بولۇپ، ماھىيەت جەھەتتە يۇقىرى ئېنېرگىيىلىك رېئاكسىيە فوتوسىنتېزدىن پەرقلىنىدۇ. بۇ جەرياندا يورۇقلۇق بەزى ھالقىلىق رېئاكسىيىلەرنى قوزغىتىش ياكى ھەرىكەتلەندۈرۈش رولىنى ئويناپ، ئۆسۈملۈكنىڭ ئۆسۈش، يېتىلىش ۋە دىففېرېنسىيىلىنىش جەريانىنى تەڭشەيدۇ ۋە تىزگىنلەيدۇ. مەسىلەن، يورۇقلۇق بەزى ئۆسۈملۈكلەر ئۇرۇقىنىڭ بىخلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ياكى تومۇزلايدۇ، سارغايغان ئۆسۈملۈكنى كۆكەرتىدۇ، ئۆسۈملۈكنى ئۇزۇن كۈن ياكى قىسقا كۈندە تېز چېچەكلىتىدۇ، يورۇقلۇققا ئىنتىلىشچانلىق، ئېگىز تاغ ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ بويىنىڭ پاكار بولۇشى قاتارلىقلار يورۇقلۇق كونترول قىلىدىغان مورفولوگىيىنىڭ ھاسىل بولۇش جەريانىدىن ئىبارەت.