Chinese→UyghurMain Dictionary
光合单位和作用中心
بىئولوگىيە
فوتوسىنتېز بىرلىكى ۋە رېئاكسىيە مەركىزى
فوتوسىنتېز سىستېمىسىدىكى فوتو خىمىيىلىك رېئاكسىيىنى تولۇق ئېلىپ بارالايدىغان ئەڭ كىچىك تۈزۈلۈش بىرلىكى. ھەربىر فوتوسىنتېز بىرلىكىدىكى ئىنتايىن ئاز ساندىكى پىگمېنت مولېكۇلىلىرىلا فوتوخىمىيىلىك رېئاكسىيىنى بىۋاسىتە كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ ئاز ساندىكى فوتوخىمىيىلىك رېئاكسىيىنى بىۋاسىتە كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان پىگمېنت مولېكۇلىلىرى فوتوسىنتېز رېئاكسىيە مەركىزى دەپ ئاتىلىدۇ. ئېمېرسون (Emerson)بىلەن ئارنولد ( Arnolds) نىڭ نۇر چاقنىتىپ ئېلىپ بارغان تەجرىبىسىگە ئاساسلانغاندا، بىر مولېكۇلا ئوكسىگېننى قويۇپ بېرىش ئۈچۈن 2500 دانە خلوروفىل مولېكۇلىسى لازىم بولىدۇ، سۇ بىر مولېكۇلا ئوكسېگىن ھاسىل قىلىش ئۈچۈن تۆت دانە ئوكسىدلىنىش گرام ئېكۋىۋالېنت لازىم بولىدۇ، ھەربىر دانە گرام ئېكۋىۋالېنتى 600 دانە ئەتراپىدىكى خلوروفىل مولېكۇلىسىنىڭ رولى بىلەن باغلىنىدۇ. 600 دانە خلوروفىل مولېكۇلىسى ئىككى يورۇقلۇق سىستېمىسىنى تەشكىل قىلىدۇ. شۇڭا ھەربىر يورۇقلۇق رېئاكسىيە بىرلىكى تەخمىنەن 300 دانە ئەتراپىدىكى يورۇقلۇق تۇتقۇچى پىگمېنت مولېكۇلىسىدىن تۈزۈلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىنتايىن ئاز ساندىكى پىگمېنت مولېكۇلىلىرى رېئاكسىيە مەركىزى بولىدۇ. رېئاكسىيە مەركىزىدىكى پىگمېنت مولېكۇلىلىرى فوتوخىمىيىلىك ئاكتىپلىققا ئىگە. ئۇلار يورۇقلۇق ئېنېرگىيىسىنى <تۇتقۇچى> بولۇپلا قالماستىن، يەنە يورۇقلۇق ئېنېرگىيىسىنى <ئايلاندۇرغۇچى> مۇ بولىدۇ، شۇڭا رېئاكسىيە مەركىزى <توزاق> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقىلىرى، ياردەمچى پىگمېنت مولېكۇلىلىرى بولۇپ، ئاساسەن قۇياش ئېنېرگىيىسىنى سۈمۈرۈپ رېئاكسىيە مەركىزىگە يەتكۈزۈپ بېرىپ رېئاكسىيە پەيدا قىلىدۇ. ئۇلار يورۇقلۇقنى يىغقۇچى پىگمېنت مولىكۇلىلىرى ياكى ئانتېننا پىگمېنت مولېكۇلىلىرى دەپ ئاتىلىدۇ.