Chinese→UyghurMain Dictionary
光饱和点和二氧化碳饱和点
بىئولوگىيە
يورۇقلۇققا تويۇنۇش نۇقتىسى ۋە كاربون (Ⅳ) - ئوكسىدىغا تويۇنۇش نۇقتىسى
فوتوسىنتېز جەريانى بىر خىل فوتو بىئوخىمىيىلىك رېئاكسىيە بولغاچقا، يورۇقلۇق كۈچىنىشى تۆۋەنرەك بولغاندا فوتوسىنتېز سۈرئىتى يورۇقلۇقنىڭ كۈچىنىشىگە ئەگىشىپ ئارتىدۇ ۋە كۈچىيىپ بارىدۇ. بۇلار بەلگىلىك دائىرە ئىچىدە ئاساسەن ئوڭ مۇناسىۋەتتە بولىدۇ. بىراق بەلگىلىك دائىرىدىن ھالقىپ كەتكەندە فوتوسىنتېز سۈرئىتىنىڭ ئارتىشى ئاستىلايدۇ، ھەتتا مەلۇم يورۇتۇش كۈچىنىشىگە يەتكەندە فوتوسىنتېز سۈرئىتى ئارتمايدۇ، بۇ ھادىسە يورۇلۇققا تويۇنۇش ھادىسىسى دەپ ئاتىلىدۇ. ئاتموسفېرادىكى كاربون (Ⅳ) - ئوكسىدىنىڭ كونسېنتراتسىيىسى ۋە باشقا فاكتورلار چەكلىمىگە ئۇچرىمىغاندا، فوتوسىنتېز ئەڭ يۇقىرى كۈچىنىشكە يەتكەن ۋاقىتتىكى ئەڭ تۆۋەن يورۇتۇش كۈچىنىشى تويۇنۇش يورۇقلۇق كۈچىنىشى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇخىل فوتوسىنتېزنىڭ ئەڭ كۈچەيگەن ۋاقىتتىكى يورۇتۇش كۈچىنىشى يورۇقلۇققا تويۇنۇش نۇقتىسى دەپ ئاتىلىدۇ. ھاۋادىكى كاربون (Ⅳ) - ئوكسىدىنىڭ كونسېنتراتسىيىسى كاربون (Ⅳ) - ئوكسىدىنىڭ تولۇقلىنىش نۇقتىسىدىن ئارتىپ كەتكەندە، ئۆسۈملۈكنىڭ كاربون (Ⅳ) - ئوكسىدىنى سۈمۈرۈۋاتقانلىقىنى سىرتتىن كۆزەتكىلى بولىدۇ، كاربون (Ⅳ) - ئوكسىدىنىڭ كونسېنتراتسىيىسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ ئۇنىڭ سۈمۈرۈلۈش سۈرئىتى ئۈزلۈكسىز ئارتىدۇ؛ كاربون (Ⅳ) - ئوكسىدى ئارتىپ بەلگىلىك چەككە يەتكەندە ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇنى سۈمۈرۈش سۈرئىتى ئارتمايدۇ، بۇ ۋاقىتتا سىرتقى مۇھىتتىكى كاربون ( Ⅳ) - ئوكسىدىنىڭ كونسېنتراتسىيىسى كاربون (Ⅳ) - ئوكسىدىغان تويۇنۇش نۇقتىسى دەپ ئاتىلىدۇ.