Chinese→UyghurMain Dictionary
官布
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
قامدۇ
قامدۇ خەنزۇچە ماتېرىياللاردا <官布> دەپ يېزىلغان. ئۇ ئەسلىدە بىر خىل رەخت پۇل بولۇپ، قۇجۇ ئۇيغۇرلىرى ۋە قاراخانىيلار تەرىپىدىن كەڭ ئىشلىتىلگەن. مەھمۇت قەشقەرى مۇنداق دەيدۇ: <قامدۇ - بويى تۆت گەز، ئېنى بىر غېرىچ كېلىدىغان بىر پارچە بۆز. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇر خانىنىڭ تامغىسى بېسىلغان بولۇپ، سودا - سېتىقتا پۇل ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ. بۇ بۆز كونىرىسا ھەر يەتتە يىلدا بىر قېتىم يۇيۇپ، ئۈستىگە باشقىدىن تامغا بېسىلىدۇ> (مەھمۇت قەشقەرى: <تۈركىي تىللار دىۋانى>. 1 - توم، 546 - بەت).
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
قۇنپۇ
قۇنپۇ (kunpu) دېگەن بۇ پۇل بىرلىكى قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەردە (kanpu) ۋە ( kuanpu) شەكىللىرىدىمۇ ئۇچرايدۇ. قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى قۇل سېتىۋېلىشقا دائىر بىر پارچە ھۆججەتتە: <... بازاردا ئۆتۈۋاتقان ھەر ئون چىسىغا تامغا بېسىلغان يۈز قۇنپۇغا ...> دېگەن ئىبارە بار. مۇھەممەتېريىم سايىت بىلەن ئىسراپىل يۈسۈپ ئەپەندىلەر بۇ پۇل بىرلىكى خەنزۇ تىلىدىكى <官布> نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسىدىن كەلگەن دەپ قارايدۇ (مۇھەممەترېيىم سايىت، ئىسراپىل يۈسۈپ: <قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەر>، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 185 - بەت). بىر قۇنپۇ <ئون چى ئۇزۇنلۇقتىكى تامغا بېسىلغان بۆز> پۇلنى كۆرسەتسە كېرەك. ئۇنىڭ كونكرېتنى قىممىتى مەلۇم ئەمەس.