Chinese→UyghurMain Dictionary
管胞
بىئولوگىيە
نەيچە ھۈجەيرە
ئۆسۈملۈك ياغاچلىق قىسىمىنىڭ ئىچىدىكى سۇ ۋە نىئوگانىك تۇزلارنى توشۇيدىغان بىرخىل ھۈجەيرە. نەيچە ھۈجەيرە يالىڭاچ ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ سۇ توشۇيدىغان قۇرۇلمىسى بولۇپ، قوشۇمچە تىرەكلىك رول ئوينايدۇ. يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەردە ياغاچلىق قىسىمدىكى سۇ توشۇش رولىنى ئاساسەن ئۆتكۈزگۈچى قانال، تىرەكلىك رولىنى ئاساسەن ياغاچ تالاسى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ، نەيچە ھۈجەيرە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇ قېلىنلىشىش دەرىجىسىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ھالقا سىزىقلىق، بۇرما سىزىقلىق، شوتىسىمان سىزىقلىق، تورسىمان سىزىقلىق ۋە ئويمان سىزىقلىق قاتارلىق تىپلارغا بۆلۈنىدۇ. ھەرقايسى نەيچە ھۈجەيرىلەر تىك يۆنىلىش بويىچە تىزىلىدۇ، ھەر بىرىنىڭ ئالدىنقى قىسمى ئۆزئارا يېپىشىپ تۇرىدۇ. سۇ يېپىشقان قىسمىدىكى پوست تۆشۈكى ياكى نېپىز پوستلۇق رايوندىن سىڭىپ ئۆتۈپ توشۇلىدۇ. بۇ خىل توشۇلۇشنى ئۆتكۈزگۈچى قانال بىلەن سېلىشتۇرغاندا، نەيچە ھۈجەيرنىڭ توشۇش ئۇسۇلى ئىپتىدائىي بولىدۇ.
ئۆسۈملۈك
guǎn bāo
نەيچە ھۈجەيرەDباغۋەنچىلىك
guǎn bāo
نەيچىسىمان ھۈجەيرەDئۇنىۋېرسال
guǎn bāo
نەيسىمان ھۈجەيرە )ئۆسۈملۈكنىڭ(
Dئورمانچىلىق
guǎn bāo
نەيچە ھۈجەيرىسى، ئالماشتۇرغۇچى ھۈجەيرە