Chinese→UyghurMain Dictionary
怪诞联盟
دۇنيا تارىخى
غەلىتە ئىتتىپاق
1862 - 1863 -يىللىرى رومىنىيە پومېشچىكلىرى ۋە چوڭ بۇرژۇئازىيە قۇرغان ئەكسىيەتچىل ئىتتىپاق. مۇتەئەسسىپلەر ۋە لىبېراللار، رادىكال لىبىېراللار تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن. كىنەز كۇزا رەھبەرلىكىدىكى دېموكراتىك ئىسلاھاتقا قارشى تۇرۇشنى مەقسەت قىلغان. 1866 - يىلى 2 -ئايدا سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ كىنەز كۇزانى تەختتىن چۈشۈشكە مەجبورلىغان ۋە ئۇنى قوغلاپ چىقارغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، نايىب ھۆكۈمەت تەشكىللەپ چەت ئەل قېنىدىكى كىنەز كارولنى ھىمايە قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن <غەلىتە ئىتتىپاق> كىنەز كۇزانى ئاغدۇرىدىغان گۇرۇھنى بىلدۈرۈپلا قالماستىن، بەلكى رومىنىيىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان چوڭ بۇرژۇئازىيە ۋە پومېشچىكلارنىڭ پەۋقۇلئاددەئىتتىپاقىنى كۆرسەتكەن. 70 - يىللىرى تاشقى سىياسەت مەسىلىسىدىكى ئىختىلاپلار تۈپەيلىدىن ئىتتىپاقنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى زىددىيەتلەر كەسكىنلىشىپ كەتكەن. بۇرژۇئازىيىنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئەركىنلىك پارتىيىسى كونسېرۋاتىپ پارتىيىسىنى يېڭىپ مەزكۇر ئىتتىپاق ئىچىدە بىرىنچى ئورۇننى ئىگىلىگەن.