Uyghur←ChineseMain Dictionary
گىستولوگىيە
Domain: بىئولوگىيە组织学
zǔzhīxué
جانلىقلار تېنىدىكى ھەر خىل توقۇلمىلار ھەمدە ئۇنىڭدىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ مورفولوگىيىلىك قۇرۇلۇشى ۋە فۇنكىسىيىسىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن. ئۇنىڭ تەتقىقات مەزمۇنى ھۈجەيرە (ھۈجەيرىنىڭ تۈزۈلۈشى، فىزىئولوگىيىسى ۋە پەيدا بولۇشى)، ئاساسىي توقۇلما (ھەر خىل توقۇلمىلارنىڭ پەيدا بولۇشى، دىففېرېنسىيىلىنىشى، مورفولوگىيىلىك قۇرۇلۇشى، فۇنكىسىيە مۇناسىۋىتى ھەمدە توقۇلمىلارنىڭ قايتا ئۆسۈشى قاتارلىقلار) ۋە ئورگانلار توقۇلمىسى (ھەر خىل ئورگانلارنىڭ ئىنچىكە تۈزۈلۈشى، فۇنكىسىيە مۇناسىۋىتى ھەمدە توقۇلمىلارنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە ئۆزگىرىشى) قاتارلىق ئۈچ قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. گىستولوگىيە تەتقىق قىلىش ئوبيېكىتىنىڭ ئوخشاشماسلىقىغا ئاساسەن ھايۋانلار گىستولوگىيىسى، ئادەم گىستولوگىيىسى ۋە ئۆسۈملۈكلەر گىستولوگىيىسىگە؛ تەتقىق قىلىش ئۇسۇلىنىڭ ئوخشاشماسلىقىغا ئاساسەن، سېلىشتۇرما گىستولوگىيە، تەجرىبە گىستولوگىيىسى، گىستولوگىيە خىمىيىسى، توقۇلمىلارنى ئۆستۈرۈش ھەمدە پاتولوگىيىلىك گىستولوگىيە قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ.
مائارىپ,ئۇنىۋېرسال
组织学
zǔ zhī xué
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.