Uyghur←ChineseMain Dictionary
گىرزا مەدەنىيىتى
Domain: دۇنيا تارىخى格尔基文化
gé ěr jī wén huà
ناچادا مەدەنىيىتى Ⅱ دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مىسىرنىڭ برونزا، تاش قوراللار تەڭ ئىشلىتىلگەن دەۋرىدىكى مەدەنىيىتى. نىل دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى گىرزاىن تېپىلغانلىقى ئۈچۈن، شۇنداق دەپ ئاتالغان. بۇ مەدەنىيەت باسقۇچىغا تەڭ كېلىدىغان خارابىلەر نىل دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىنىدىكى جايلاردىن نوبىيە تەۋەسىگىچە تارالغان. ئامرا (ياكى ناچاداⅠ مەدەنىيتى) دىن كېيىن تەخمىنەن مىلادىدىن 4000 يىل ئىلگىرىكى مەزگىلنىڭ ئاخىرلىرىغا توغرا كېلىدۇ. يېڭى تاش قوراللار يەنىلا ئىشلىتىلگەن، لېكىن تاۋلاپ ياسالغان برونزا قوراللىرى ۋە قورال - ياراقلىرى، مەسىلەن، پىچاق، ئۈشكە، پالتا، بىگەن ۋە خەنجەر مەيدانغا كەلگەن، شۇنىڭدەك ئالتۇن - كۈمۈش بۇيۇملىرىنىمۇ ئىشلەشمۇ بارلىققا كەلگەن. ساپال قاچىلارغا رەڭلىك سۈرەتلەر سىزىلغان بولۇپ، غەربىي ئاسىيا ئۇسلۇبىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. ئىقتىسادىي تۇرمۇشتا دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلغان، قول سانائەتتە ئىش تەقىسماتى مەيدانغا كەلگەن ھەمدە ئىپتىدائىي ئالماشتۇرۇش بارلىققا كەلگەن. بۇلارنىڭ ھەممىسى گىرزا مەدەنىيىتىنىڭ پاترىئارخاللىق تۈزۈمىدىكى ئۇرۇقداشلىق جەمئىيىتىنىڭ ئاخىرقى دەۋرلىرىگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى، سىنىپىي جەمئىيەتكە ئۆتۈشكە باشلىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.