Uyghur←ChineseMain Dictionary
گىرۋەك پەردە
Domain: بىئولوگىيە缘膜
yuánmó
ۋېلۇم دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ھايۋان تېنىنىڭ بەزى گىرۋەك قىسىملىرىدا بولىدىغان نېپىز پەردىسىمان تۈزۈلۈش. مەسىلەن، ئۈچەي قورساقلىق ھايۋانلار تىپى گىدرالار سىنىپىدىكى مېدۇزا تېنىنىڭ تۆۋەنكى كۈنلۈك قىسمىنىڭ گىرۋىكىنىڭ ئىچكى يېنىدا بىر چەمبىرەكسىمان تەكشى پەردىسى يەنى گىرۋەك پەردىسى بولىدۇ. شۇڭا گىدراسىمان مېدۇزا، <گىرۋەك پەردىلىك مېدۇزا> دەپ ئاتىلىپ قالپاقلىق مېدۇزا سىنىپىدىكى مېدۇزىلاردىن پەرقلەندۈرۈلگەن؛ ئاسسىدىيىنىڭ سۇ كىرىش سىفونىيىنىڭ تۆۋەنكى تەرىپى ۋە لانسېتنىك بېلىقىنىڭ ئېغىز ئەتراپىدىمۇ گىرۋەك پەردىسى بولىدۇ. ئاسسىدىيە قاتارلىقلارنىڭ گىرۋەك پەردىلىرى غەلۋىرسىمان بولۇپ، يىرىك ئوزۇقلۇقلارنى سۈزۈۋېتىپ يۇتقۇنچاققا پەقەت سۇ ئېقىمى ۋە ئۇششاق ئوزۇقلۇقلارنىلا ئۆتكۈزۈش رولىنى ئوينايدۇ. مولليۇسكلارنىڭ لىچىنكىسىدىكى كىرپىك تۈكلۈك تەخسىمۇ بەزىدە گىرۋەك پەردە قاتارىغا كىرگۈزۈلىدۇ.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.