Uyghur←ChineseMain Dictionary
گرونۋارد جېڭى
Domain: دۇنيا تارىخى格伦瓦尔德战役
gé lún wǎ ěr dé zhàn yì
تاننېنبېرگ جېڭى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1410 - يىلى 7 - ئاينىڭ 15 ـ كۈنى پولشا، لىتۋا ۋە رۇس بىرلەشمە ئارمىيىسى بىەن تيۇتون رىتسارلار پولكى ئوتتۇرىسىدا گرۇنۋارد (بىر كەنت، پولشانىڭ شەرقىي شىمالىدا)دا بولغان مۇھىم بىر جەڭ. بىرلەشمە ئارمىيىدە يەنە چېخ، ۋېنگرىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ قىسىملىرى بولۇپ جەمئىي 32 مىڭ ئادەم بولۇپ، ئۇنىڭغا پولشا كورولى ياگيېلو قۇماندانلىق قىلغان. رىتسارلار پولكىدا 27 مىڭ ئادەم بولۇپ، ئاساسەن، گىمانىيە ۋە فىرانسىيە رىتسارلىرىدىن تەركىپ تاپقان. دەسلەپ رىتسارلار پولكى غەلىبە قىلغان. كېيىن بىرلەشمە ئارمىيە باتۇرلۇق - ماھىرلىق بىلەن جەڭ قىلغانلىقتىن، نەتىجىدە رىتسارلار پولكىنىڭ خىللانغان قىسمىنى پۈتۈنلەي يوقاتقان، رىتسارلار پولكىنىڭ كوماندىرىنىمۇ ئېتىپ ئۆلتۈرگەن. شۇنىڭدىن كېيىن، تيۇتون رىتسارلار پولكى ئاجىزلاشقان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.