UyghurMain Dictionary
گېرمانىيىنىڭ شەرقىي چېگرا رايونى جەمئىيىتى
Domain: دۇنيا تارىخىگېرمانىيە جاھانگىرلىكى مۇستەملىكە كېڭەيمىچىلىكىنى يۈرگۈزۈش ئۈچۈن قۇرغان تەشۋىقات تەشكىلاتى. 1894 - يىلى 11 - ئايدا قۇرۇلغان. ئۇنىڭ ئەزالىرى 55 مىڭدىن ئاشقان. مەملىكەت ئىچىدە شوۋىنىزمنى ھەدەپ تەرغىپ قىلىپ، شەرقىي ياۋرۇپادىكى مىللەتلەرگە دۈشمەنلىك بىلەن قارايدىغان كەيپىياتنى قۇترىتىپ، ئەكسىيەتچىل <شەرققە يۈرۈش قىلىش سىياسىتى> نى يولغا قويۇپ، گېرمانىيە جاھانگىرلىكىنىڭ شەرقىي ياۋرۇپادىكى تاجاۋۇزچىلىق كېڭەيمچىلىكى ئۈچۈن جامائەت پىكرى توپلىغان. 1934 - يىلى تارقىتىۋېتىلگەن.
About this entry
This is a Uyghur–Uyghur dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.