UyghurMain Dictionary
گېرمانىيە دېھقانلار ئۇرۇشى
قۇللار قوزغىلىڭى
1524 - −1525 يىللىرى يۈز بەرگەن گېرمانىيە دېھقانلار ئۇرۇشى − ئوتتۇرا ئەسىردىكى غەربىي ياۋروپادا يۈز بەرگەن كۆلىمى ئەڭ زور بىر قېتىملىق دېھقانلار قوزغىلىڭىدۇر.
قوزغىلاڭنىڭ بىۋاسىتە سەۋەبى گېرمانىيىنىڭ دىنىي ئىسلاھاتىدۇر. مارتىن لۇتېر ۋەكىللىكىدىكى گېرمانىيە دىنىي ئىسلاھات ھەرىكىتى رىم دىنىي جەمئىيىتىنىڭ نوپۇزىنى يەرگە ئۇرۇپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنى مەنىۋى جەھەتتىن ئازاد قىلغان، بىراق لۇتېر رادىكال سىياسىي ھەرىكەتلەرنى قوللىمايتتى. ھەرىكەتنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ دىنىي ئىسلاھاتچىلار لاگېرى پارچىلىنىشقا باشلىغان. يەنە بىر دىنىي ئىسلاھات داھىيسى ميونتزېر رادىكاللارنىڭ رەھبىرىگە ئايلانغان. ميونتزېرمۇ لۇتېرغا ئوخشاش بىر تۆۋەن دەرىجىلىك دىنىي خادىم ئىدى، ئۇ ناھايىتى ياخشى تەربىيىلەنگەن بولۇپ، لاتىن تىلى ۋە گرېك تىلىنى پۇختا بىلەتتى، كلاسسىك ئەسەرلەر ۋە گۇمانىزم تەلىماتىغا پىششىق ئىدى. بىراق ئۇنىڭ ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، ئۇ ھەرىكەتنى دىنىي ساھەدىلا چەكلەپ قويۇشنى قوللىماي، دىنىي ئىسلاھات ھەرىكىتى بىلەن ئىجتىمائىي ئىسلاھاتنى بىرلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلاتتى. ميونتزېر دىنىي جەمئىيەتكە قارشى تۇرۇپلا قالماستىن، بەلكى فېئوداللىق تۈزۈمنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشنى تەشەببۇس قىلىپ، قوراللىق ئىنقىلاب بىلەن مەۋجۇت جەمئىيەتنى يوقىتىشقا چاقىرغان. ئۇنىڭ تەرغىباتىنىڭ ئىلھامىدا دىنىي ئىسلاھات ھەرىكىتى ئاخىر بىر مەيدان ئۇلۇغ دېھقانلار ئۇرۇشىغا ئايلانغان.1524
- يىلى يازدا قوزغىلاڭ ئەڭ ئاۋۋال گېرمانىيىنىڭ جەنۇبىدىكى شۋابېن رايونىدا پارتلاپ، ناھايىتى تېزلا پۈتۈن مەملىكەتكە كېڭەيگەن. پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئۈچتىن ئىككى قىسىم دېھقانلار قوزغىلاڭغا ئاۋاز قوشقان. قوزغىلاڭ ئاساسلىق شۋابېن، فرانكونىيە ۋە ساكسون، تۇرىنگېردىن ئىبارەت ئۈچ رايونغا مەركەزلەشكەن. قوزغىلاڭغا دېھقانلاردىن باشقا يەنە كان ئىشچىلىرى، توقۇمىچىلىق ئىشچىلىرىمۇ قاتناشقان.1525 - يىلى3 - ئايدا قوزغىلاڭچى قوشۇن مۇيراۋسېن شەھىرىنى ئىشغال قىلىپ، شەھەردىكى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ، »مەڭگۈلۈك كېڭەش« دەپ ئاتىلىدىغان ئىنقىلابىي ھاكىمىيەتنى قۇرغان. ميونتزېر رەئىسلىككە سايلانغان. ميونتزېر: دىنىي جەمئىيەتنىڭ مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، فېئودال ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ئىمتىيازى بىكار قىلىنىدۇ، دېھقانلار ئۈستىگە ئالغان فېئوداللىق مەجبۇرىيەتلەر بىكار قىلىنىدۇ، مال - مۈلۈككە ئومۇم ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ ۋە ھەممە ئادەم بابباراۋەر بولىدۇ دەپ جاكارلىغان. دېھقانلار قوزغىلىڭى فېئودال ئاقسۆڭەكلەرنى قورقۇتۇۋەتتى، ئۇلار بىرلىشىپ قوزغىلاڭچى قوشۇننى بىرلىكتە باستۇرۇشقا باشلىدى.1525
- يىلى4 - ئايدا فېئودال كىنەزلەر خبسسېن كېنەزلىكىنىڭ گرافى فلىپ باشچىلىقىدىكى ئاقسۆڭەكلەر بىرلەشمە قوشۇنىنى تەشكىل قىلغان.5 - ئاينىڭ16 - كۈنى دېھقانلار قوشۇنى بىلەن ئاقسۆڭەكلەر بىرلەشمە قوشۇنى شىددەتلىك جەڭ قىلغان، نەتىجىدە دېھقانلار قوشۇنى تارمار قىلىنغان. ميونتزېر قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.
دۇنيا تارىخى
گېرمانىيە دېھقانلىرىنىڭ 1524 - 1525 - يىللاردىكى كەڭ كۆلەملىك قوزغىلىڭى. 16 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، گېرمانىيىدە سودا - سانائەت ئىگىلىكى يەنىمۇ راۋاجلانغان، كاپىتالىزم ئامىللىرى پەيدىنپەي يېتىلگەن بولسىمۇ، لېكىن سىياسىي جەھەتتە ئېغىر دەرىجىدە بۆلۈنۈش ھالىتىدە تۇرغان. دىنىي ۋە دەھرىي بەگلىكلىرى فېئودال ئىمتىيازنى جېنىنىڭ بارىچە قوغداپ، دېقھانلارغا بولغان ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىش ۋە ئېزىشنى كۈچەيتكەن. بۇنىڭ ئارقىسىدا، پارچىلىنىشقا باشلىغان يانچىلىق تۈزۈمى ھەرقايسى جايلاردا بولۇپمۇ شەرقىي جەنۇبىي رايوندا ۋە ئوتتۇرا قىسىمدا يەنە ئەسلىگە كېلىشكە باشلىغان. دېھقانلارنىڭ فېئوداللىققا قارشى كۈرىشى ئالدى بىلەن مەخپىي تەشكىلات <كەش جەمئىيىتى> ۋە <نامرات كونراد> شەكلىدە غەربىي جەنۇبىي قىسىمدا پائالىيەت قىلغان. كېيىن دىنىي ئىسلاھات ھەرىكىتىنى يېتەكچى قىلىپ، كەڭ كۆلەملىك قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلگەن. ئۇنىڭغا دېھقانلار ۋە شەھەردىكى ئاددىي پۇقرالاردىن باشقا شەھەر ئاھالىلىرى ۋە رىتسارلارمۇ قاتناشقان. مۇنزېر دېھقانلار ۋە ئاددىي پۇقرالارنىڭ ئاتاغلىق رەھبىرى بولغان. 1524 - يىلى يازدا، قوزغىلاڭ ھەممىدىن ئاۋۋال سۋابىيەنىڭ جەنۇبىدىكى سىۋارزۇۋالد رايونىدا پارتلىغان. شۇ يىلى قىشنىڭ ئاخىرى ۋە ئىككىنچى يىلى باش ئەتىيازدا مۇشۇ رايوندىكى مۇنزېر مۇرىتلىرى تۇنجى قوزغىلاڭ پروگراممىسى - <مەكتۇپ>نى تۈزۈپ چىققان. ئۇزۇن ئۆتمەي، قوزغىلاڭ پۈتكۈل سۋابىيىگىچە كېڭىيىپ كەتكەن. قوزغىلاڭچىلار ئون نەچچە مىڭغا يەتكەن. 1525 - يىلى 3 - ئايدا قوزغىلاڭنىڭ يەنە بىر پروگراممىسى <12 ماددا> تۈزۈلۈپ، فېئوداللىق ئېكسپىلاتاتسىيىنى يېنىكلىتىش تەلەپ قىلىنغان. لېكىن بۇ پروگراممىدا ھاللىق دېھقانلارنىڭ مەنپەئىتى كۆپرەك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. 4 - ئايدا سۋابىيىدىكى قوزغىلاڭ ترۇخىزىس باشچىلىقىدىكى سۋابىيە ئىتتىپاقچى ئارمىيىسى تەرىپىدىن باستۇرۇلغان. شۇ يىلى 3 - ۋە 4 - ئايلاردا فرانكونىيىە يېڭى قوزغىلاڭ پارتلىغان. قوزغىلاڭچىلارنىڭ تەركىبى مۇرەككەپ، رەھبەرلىك ھوقۇقى كۆپىنچە پۇقرالار ۋە رىتسارلارنىڭ قولىدا بولغان. 5 - ئايدا تۈزۈلگەن <ھېيلبرون پروگراممىسى> دىمۇ ئاساسەن شەھەر ئاھالىلىرى ۋە رىتسارلارنىڭ مەنپەئىتى گەۋدىلەندۈرۈلگەن. 6 - ئايدا فرانكونىيىدىكى قوزغىلاڭ يەنە ترۇخزىس تەرىپىدىن باستۇرۇلغان. 1525 - يىلى 3 - ئايدا تبۇرىنگىيە - ساكسونىيىدە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلگەن. ئۇنىڭغا مۇنزىر رەھبەرلىك قىلغان. قوزغىلاڭچىلار 4 - ئاينىڭ ئاخىرى ۋە 5 - ئاينىڭ باشلىرىدا مىلخاۋسېن شەھىرىدە ئىنقىلابىي ھاكىمىيەت ئورگىنى - مەڭگۈلۈك كېڭەشنى قۇرغان. 5 - ئاينىڭ 15 - كۈنى فرانكېنخاۋسېن جېڭىدە قوزغىلاڭچى ئارمىيە بەگلىكلىرى بىرلەشمە قوشۇنىغا قارشى جىددىي جەڭ قىلىپ، يېڭىلىپ قالغان. مۇنزېر ئەسىرگە چۈشۈپ ئۆلتۈرۈلگەن. 1525 - يىلنىڭ ئاخىرىدىن 1526 - يىلنىڭ باشلىرىغىچە گەسمېر تىرول ۋە زالتسىبۇرگ ئېپىسكوپ رايونىدا كانچىلار ۋە دېھقانلارنى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە چاقىرغان بولسىمۇ مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان. گېرمانىيە دېھقانلار ئۇرۇشى فېئوداللىق تۈزۈمىگە زەربە بەرگەن. كاتولىك دىنىنىڭ گېرمانىيىدىكى ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى تەۋرەتكەن. مەغلۇپ بولۇشىدىكى سەۋەب شۇكى، جايلاردىكى دېھقانلار كەڭ بىرلىشىپ، ئورتاق ھەرىكەت قىلالمىغان؛ قوزغىلاڭغا قاتناشقان شەھەر ئاھالىلىرى ۋە رىتسارلارنىڭ تەۋرەپ قالغانلىقى ۋە يۈز ئۆرىگەنلىكىمۇ قوزغىلاڭچىلار كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرغان.