Uyghur←ChineseMain Dictionary
گرېچكۇ
دۇنيا تارىخى
格列奇科
gé liè qí kē
سوۋېت ئىتتىپاقى مارشالى. روستوۋ ئوبلاستىدىكى دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1919 - يىلى بودىيۇنىنىڭ ئاتلىق ئەسكەرلەر كورپۇسىغا قاتناشقان. 1928 - يلى كومپارتىيىگە كىرگەن. 1938 - يىلى ئاتلىق ئەسكەرلەر دىۋىزىيىسىنىڭ شتاب باشلىقى بولغان. ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ فۇرۇنزې ھەربىي شۆيۈەنى ۋە باش شتاب ھەربىي شۆيۈەنىنى پۈتتۈرگەن. ۋەتەن ئۇرۇشى مەزگىلىدە شىجاڭ، جۈنجاڭ ۋە جىتۇەنجۈن قوماندانى بولۇپ، كاپكاز، ئوكرائىنانى ئازاد قىلىش جەڭلىرىگە قاتناشقان. 1945 - 1953 - يىللىرى كىيېۋ ھەربىي رايونىنىڭ قوماندانى بولغان. 1953 - يىلى گېرمانىيەدە تۇرۇشلۇق سوۋېت ئىتتپاقى ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى بولغان. 1957 - 1960 - يىللىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن مىنستىرى، قوشۇمچە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى بولغان ھەمدە ۋارشاۋا شەرتنامىسى تەشكىلاتى بىرلەشمە قوراللىق قىسىملىرىنىڭ باش قوماندانى بولغان. 1967 - 1976 - يىللىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بولغان. ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، سوۋېت ئىتتپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كاندىدات ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت ئەزاسى، سىياسىي بيۇرۇ ئەزاسى بولۇپ سايلانغان.