Uyghur←ChineseMain Dictionary
گرىبوئېدوۋ
دۇنيا تارىخى
格里鲍耶陀夫
gé lǐ bào yē tuó fū
(1795 - 1829) روسىيىلىك دراماتورگ. ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. 1 - يىلدىكى روسىيە - فرانسىيە ئۇرۇشىغا قاتناشقان. كېيىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىدە ئىشلىگە. 1816 - يىلى دېكابرىستلار بىلەن يېقىنلاشقان. 1826 - يىلى دېكابرىستلار دېلوسى مۇناسىۋىتى بىلەن قولغا ئېلىنىپ، يېرىم يىلدىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن. 1828 - يىلى ئىرانغا ئەلچى بولۇپ چىققان. ياندۇرقى يىلى تېھراندىكى روسىيىگە قارشى توپىلاڭدا ئۆلتۈرۈلگەن. ۋەكىللىك خاراكتىرىگە ئىگە بولغان <ئەقىل ئازابى> دېگەن كومىدىيىسىدە ⅨⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى روسىيە جەمئىيىتىدىكى زىددىيەت ۋە كۈرەشلەر ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. دېكابرىستلارنىڭ بەدىئىي ئوبرازى يارىتىلغان. ئۇنىڭ يەنە <ستودېنت> ۋە <ئۆز ئۆيۈم> قاتارلىق كومىدىيىلىرى بار. ئۆلگەندىن كېيىن ئەسەرلىرى توپلىمى نەشىر قىلىنغان.