Uyghur←ChineseMain Dictionary
گران چاكو ئۇرۇشى
Domain: دۇنيا تارىخى格兰查科战争
gé lán chá kē zhàn zhēng
1928 - 1935 - يىللىرى بولىۋىيە بىلەن پاراگۋاي گران چاكۇ رايونىنى تالىشىپ ئېلىپ بارغان ئۇرۇش. ⅨⅩ ئەسىردىن تارتىپ، بۇ رايوننىڭ تەۋەلىكى ئۈستىدە تالاش - تارتىش بولغان، گران چاكونىڭ شىمالىدىكى تار ئوزۇن سوزۇلغان رايوندا مول نېفىت كانى تېپىلغاندىن كېيىن، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەت ئۈزۈلۈپ، ماجىرا تېخىمۇ كەسكىنلەشكەن. ئەنگلىيە - ئامېرىكا مونوپول كاپىتالىنىڭ قۇترىتىشى ئارقىسىدا، بولىۋىيە بىلەن پاراگۋاي ئوتتۇرسىسا ھەربىي توقۇنۇش پەيدا بولغان. 1928 - يىلى 12 - ئايدا پاراگۋاي قوشۇنلىرى بولىۋىيە قوشۇنىنىڭ پوتىيىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇرۇش ئوتىنى تۇتاشتۇرغان. 1932 - يىلى ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇشقا ئايلىنپ، ئىككى تەرەپ ئېغىر تالاپەت چەككەن. 1935 - يىلى 6 - ئايدا، پاراگۋاي بۇ رايوننىڭ كۆپ قىسمىنى ئىشغال قىلغان، بىراق قارشى تەرەپنىڭ چېگرىسىغا ئىچكىرلەپ كىرىشكە مادارى يەتمەي، ئامېرىكا ۋە برازىلىيە قاتارلىق لاتىن ئامېرىكىسىدىكى بەش دۆلەتنىڭ كېلىشتۈرۈشى بىلەن، بولىۋىيە بىلەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى ئىمزالىغان. 1938 - يىلى 7 - ئايدا، ئاخىرقى ھېسابتا سۈلھ شەرتنامىسى ئىمزالانغان؛ تالاش - تارتىش بولغان رايوندىن تەخمىنەن 180 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر يەر پاراگۋايغا ئايرىپ بېرىلگەن؛ بولىۋىيە تەخمىنەن 80 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر زېمىنىنى ساقلاپ قالغان ھەمدە پاراگۋاي دەرياسىدىكى كاسادو پورتىدىن پايدىلىنىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.