Uyghur←ChineseMain Dictionary
گرانادا ئەمىرلىكى
Domain: دۇنيا تارىخى格拉纳达埃米尔国
gé lā nà dá āi mǐ ěr guó
ئوتتۇرائەسىردە ئەرەبلەر ئىبېرىيان يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى گرانادا ( ئەرەپچە دېيىلىدۇ) رايونىدا قۇرغان فېئوداللىق دۆلەت. مىلادى 765 - يىلى گرانادا ئەرەب ئىمپېرىيىسىنىڭ كوردوۋا باش ۋالىي رايونىغا تەۋە بولغان. 929 - يىلى، كوردوۋا خەلىپىلىكىنىڭ بىرقىسمى بولغان. 1238 - يىلى مۇستەقىل بولۇپ، گرانادا شەھىرىنى پايتەخت قىلغان. ⅢⅩ ئەسىردە، ئۇنىڭدا دېھقانچىلىق، سانائەت، سودا خېلى گۈللەنگەن. 1492 - يىلى، ئىسپانىيىدىكى فېرناندو Ⅱ بىلەن ئىسابېلا گرانادا شەھىرىنى ئىشغال قىلىپ، ئەرەبلەرنىڭ سىياسىي كۈچىنى ئىبېرىيان يېرىم ئارىلىدىن پۈتۈنلەي قوغلاپ چىقارغان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.