UyghurMain Dictionary
گرامماتىكا
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە؛گرېكچە
تىلشۇناسلىق
تىلشۇناسلىقىنىڭ تىلنىڭ قۇرۇلما شەكلىنى يەنى سۆزلەرنىڭ ياسىلىش، تۈرلىنىش ھەمدە سۆزلەردىن جۈملە تۈزۈش قائىدىلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان بىر تارمىقى. ئۇ مورفولوگىيە بىلەن سىنتاكسىسنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
تارىخىي گرامماتىكا. تەسۋىرىي گرامماتىكا. سېلىشتۇرما گرامماتىكا.
بىرەر تىلنىڭ ئۆزىگە خاس قۇرۇلما شەكلى يەنى سۆزلەرنىڭ ياسىلىشى، تۈرلىنىشى، سۆز بىرىكمىسى ھەم جۈملىلەرنىڭ قۇرۇلمىسىغا ئائىت قائىدىلىرىنىڭ يىغىندىسى.
شۇ قائىدىلەر بايان قىلىنغان ئوقۇش كىتابى، دەرسلىك.
ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسى. ئوتتۇرا مەكتەپ گرامماتىكىسى. باشلانغۇچ مەكتەپ گرامماتىكىسى.