Uyghur←ChineseMain Dictionary
گرامچە بوياش
بىئولوگىيە
革兰氏染色法
gélánshìrǎnsèfǎ
ئىشلىتىلىشى ئەڭ كەڭ بولغان بىر خىل باكتېرىيىنى بوياپ پەرقلەندۈرۈش ئۇسۇلى. بۇنىڭدا ئالدى بىلەن كرسىتال سۆسۈنى (ياكى جېنتىيانا سۆسۈنى) بويىقىدا بوياپ، لۇگول (Lugol) يود ئېرىتمىسىدە بىر تەرەپ قىلىپ، ئاندىن ئىسپىرت بىلەن رەڭسىزلەندۈرىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا قايتا بويىغۇچى ماددا (مەسىلەن، سافرانىن) بىلەن قايتا بويىغاندىن كېيىن، سۇدا يۇيۇپ مىكروسكوپتا تەكشۈرۈلىدۇ. باكتېرىيە ھۈجەيرىسىنىڭ تۈزۈلۈشى ۋە تەركىبى ئوخشاش بولمىغاچقا، بەزى باكتېرىيىلەر دەسلەپكى بوياقنىڭ رەڭگىدە سۆسۈن بويىلىدۇ، بۇ <گرام مۇسپىي باكتېرىيە> دەپ ئاتىلىدۇ؛ بەزى باكتېرىيىلەر قايتا بويىغۇچى ماددىنىڭ رەڭگىدە قىزىل بويىلىدۇ، بۇ <گرام مەنپىي بكتېرىيە> دەپ ئاتىلىدۇ. قۇرۇق چۆپ تاياقچە باكتېرىيىسى، تۇرىنگېن سپورىلىق تاياقچە باكتېرىيىسى، ئۈزۈم شارچە باكتېرىيىسى ۋە زەنجىرسىمان شارچە باكتېرىيە قاتارلىقلار گرام مۇسپىي باكتېرىيىگە كىرىدۇ. چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيىسى، سالمون باكتېرىيىسى، شىگېللا باكتېرىيىسى، يىلتىز تۈگۈنەك باكتېرىيىسى، ئازوتنى تۇراقلاشتۇرغۇچى باكتېرىيە قاتارلىقلار گرام مەنپىي باكتېرىيىگە كىرىدۇ. گرامچە بوياش ئۇسۇلىنى دانىيىلىك دوختور گرام (H.C.T Gram) 1884 - يىلى تۇنجى قېتىم ئىجاد قىلغان. ئۇ تا بۈگۈنگىچە باكتېرىيىلەرنى تۈرلەرگە بۆلۈپ باھالاش ۋە كلىنىكىلىق تەكشۈرۈشتە يەنىلا كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلمەكتە.
باغۋەنچىلىك,دېھقانچىلىق
革兰氏染色
gé lán shì rǎn sè