Uyghur←ChineseMain Dictionary
گورگىياس
دۇنيا تارىخى
高尔吉亚
gāo ěr jí yà
(تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 483 - 375) قەدىمكى يۇنان پەيلاسوپ. سوفىستلار (دانىشمەن)لەرنىڭ ۋەكىلى. داڭلىق ستىلىستىكاشۇناس ۋە يازغۇچى. سىتلىيە ئارىلىنىڭ شەرقىدىكى لېئونتىنى شەھىرىدە تۇغۇلغان. مىلادىدىن 427 يىل ئىلگىرى بۇيرۇققا بىنائەن ئافىناغا ئەلچى بولۇپ بېرىپ (پېلوپوننېسا ئۇرۇشىنىڭ باشلىرىدا) ئافىنالىقلاردىن سۇراكۇغا قارشى تۇرۇشقا ياردەم بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، زۇۋاندانلىقى بىلەن مۇۋەپپىقىيەت قازانغان. كېيىن مەملىكەت ئىچىدە سىياسىي ماجىرا بولغاندا، چەتكە قېچىپ كېتىپ، سىتىلىستىكا ۋە باشقا بىلىملىرىدىن دەرس بەرگەن. شۇ چاغداناھايىتى زور تەسىر كۆرسەتكەچكە پلاتون <گوركىياس> دېگەن ئەسەرنى يازغان. گورگىياس دانىشمەنلەرنىڭ بىرى بولغان پىتاگورانىڭ ئىدىيىسىنى ئالغا سۈرۈپ، شۈبھىىچلىك ئۈستىدە يېڭى ئاقلاشنى ئوتتۇرغا قويغان. ئۆزىنىڭ <غەيرىي مەۋجۇتلۇق توغرىسىدا ياكى تەبىئەت توغرىسىدا> دېگەن ئەسىرىدە (سېكىستۇ ئىمپىرىكۇ <ماتېماتىكلارغا قارشى> دېگەن ئەسىرىدە نەقىل كەلتۈرگەن)، ئۆزىنىڭ ئۈچ ھۆكۈمىنى ساقلاپ قالغان: (1) <مەۋجۇت ھېچنىمە يوق>. بۇنىڭ مەنىسى شۇكى، مەۋجۇت نەرسە بولىدىكەن، نەرسە بارلىققا كېلىشى كېرەك، لېكىن يوقلۇقتىن بارلىققا كەلمەيدۇ، بارلىقتىنمۇ بارلىققا كەلمەيدۇ. مەۋجۇتلۇق مەۋجۇتلۇق بولمايدۇ، غەيرىي مەۋجۇتلۇقمۇ مەۋجۇت ئەمەس. دېمەك، ھەممە نەرسە مەۋجۇت ئەمەس؛ (2) <مەلۇم نەرسە مەۋجۇت بولغان تەقدىردىمۇ ئۇنى بىلگىلى بولمايدۇ>، بۇنىڭ مەنىسى شۇكى، نەرسە بىلەن ئادەمنىڭ ئىدىيىسى بىر گەپ ئەمەس (تەپەككۇر بىلەن مەۋجۇدىيەت بىردەك بولمايدۇ)، ئەگەر بىر گەپ بولىدىغان بولسا ئادەمنىڭ بىلىشىدە خاتالىق بولماسلىقى كېرەك، بىر گەپ بولمىغانىكەن، نەرسىگە ئوخشاش بولمىغان ئىدىيە بىلەن نەرسىنى بىلىش مۇمكىن ئەمەس؛ (3) <بىلگەن ھالەتتىمۇ باشقىلارغا ئۆگىتىش مۇمكىن ئەمەس>، بۇنىڭ مەنىسى شۇكى، تىل پەقەتلا بىرخىل بەلگە ياكى ئالامەت، تىل بىلەن بىلىم ئىككىسى ئىككى گەپ، ئۇنىڭ بىلەن ئىپادىلەنگەن بىلىمگە ئىشىنىش تەس، شۇڭا بىلىمنى ئۆگىتىش ئاخىرقى ھېسابتا مۇمكىن ئەمەس. بۇ ھۆكۈملەر ھەقىقەتنى تېپىشنىڭ مۇمكىنچىلىكىنى پۈتۈنلەي دېگۈدەك ئىنكار قىلش دەرىجىسىگە يەتكەن. بەزىلەر، بۇ ھۆكۈملەر پارمېدېنىڭ تەپەككۇر بىلەن مەۋجۇدىيەتنىڭ <بىرلىكى تەلىماتى> غا قارىتا ئېيتىلغان بولسا كېرەك، دەپمۇ كۆرسەتكەن. ھازىر گورگىياسنىڭ نامىدا ساقلىنىۋاتقان ئەسەرلەدىن <پارامېدىغا رەددىيە> بىلەن <ئېنكىمىئاننىڭ ھېروننا توغرىسىدا> دېگەن ئەسەرلەر بار، لېكىن بۇلار يالغان دېگەن پەرەزلەرمۇ بار. ئۇنىڭدىن باشقا سىتىلستىكا توغرىسىدىكى ئەسەرلەر پۈتۈنلەي دېگۈدەك يوقاپ كەتكەن. بەزىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ ئەسەرلەر قەدىمكى زاماندا بەزى ناتىقلارغا، بولۇپمۇ ئىسوكراتې قاتارلىقلارغا بىۋاستە تەسىر كۆرسەتكەن.