UyghurMain Dictionary
گونزالېس پرادا
دۇنيا تارىخى
(1848 - 1918) پېرولۇق يازغۇچى. ئاقسۆڭەك ئائىلىسدە تۇغۇلغان، كېيىن ۋارىسلىق ھوقۇقى ئېلىپ تاشلانغان. ئائىلە ئەھۋالىنڭ مەجبورىيىتى بىلەن، ئىلاھىيەت مەكتىپىگە كىرىپ، كېيىن يېرىم يولدا توختىتىپ قويغان. چېركاۋنىڭ زوراۋانلىقىغا كەسكىن قارشى تۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلغان. ھۆكۈمەتسىزلىك ھەرىكىتىگە ھېسداشلىق قىلغان. 1886 - يىلى لىما ئەدەبىيات جەمئىيىتىنى قۇرۇپ، ناھايىتى زور تەسىر كۆرسەتكەن. 1192 - يىلى لېما دۆلەتلىك كۇتۇپخانىنىڭ باشلىقى بولغان. 1914 - يىلى ئىستېپا بەرگەن. <ھۆرلۈك ھەققىدە ماقالىلەر>، <جەڭ پەيتى>، <تەشۋىقات ۋە ھۇجۇم> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار، بۇلاردا ئىندىئانلارنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداپ ھۆكۈمەت، ئاقسۆڭەك ۋە چېركاۋلارنى قاتتىق سۆككەن، شېئىرلار توپلىمىدىن <مۇيىسپىتلار جەمئىيىتىدىكى ئايال تەربىيىچى دوستلار>، <پېرۇ خەلق قوشاقلىرى> قاتالىقلار بار.