Chinese→UyghurMain Dictionary
公元
Domain: ئۇنىۋېرسالgōng yuán
مىلاد، مىلادىيە
Domain: دۇنيا تارىخىمىلادىيە
يىلنامىنىڭ باشلىنىشى. خرىستىئان دەەۋرىنىڭ باشلىنىشىمۇ دېيىلىدۇ. مىلادى يىلنامىسى بويىچە يىل ھېسابلاشنىڭ باشلانغان يىلى. ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان مىلادى كالېندارىنىڭ تەكتى جوليوس يىلنامىسى بولۇپ، ئۇنى رىم پادىشاھى جوليوس كائېسار ئېلان قىلغان. رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ كېڭەيمىچىلىك قىلىشىغا ئەگىشىپ، ياۋروپا، ئاسىيا، ئافرىقىدىكى نۇرغۇن دۆلەت ۋە رايونلاردا قوللىنىلغان. مىلادى 532-يىلى (جۇڭەونىڭ جەنۇبى سۇلالىلەر دەۋرىدىكى لياڭ ۋۇدى يولغا قويغان داتۇڭ تۆتىنچى يىلىغا توغرا كېلىدۇ)، دىيونيسىئۇس خرىستىئان مۇرىتلىرىنىڭ يىلنامىسىنىڭ خرىستوس تۇغۇلغان يىلىدىن باشلاپ ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغاق ويغان. ئۇ خرىستوس 532 يىلدىن ئىلگىرى تۇغۇلغان، كېلەر يىلى 533-يىل بولۇشى كېرەك دەپ قارىغان (ھازىرقى مىلادى يىلنامىسى مىلادىدنىڭ بىرىنچى يىلىدىن باشلانغان بولماستىن، بەلكى شۇ يىلدىن باشلانغان). بۇ قانۇن چېركاۋنىڭ قوللىشى بىلەن ئالدى بىلەن خرىستىئان دىنى ئەۋج ئالغان رايونلاردا قوللىنىشقا باشلاپ، كېيىن دۇنيادىكى كۆپ سانلىق دۆلەتلەرمۇ قوللانغان. شۇڭا مىلادى دەپ ئاتالغان. مىلادىنىڭ قىسقارتىپ يېزىلىشى A.D بولۇپ (لاتىنچە Anno Domini، يەنى <ئىگەمنىڭ تۇغۇلغان يىلى> دېگەن مەنىدە)، مىلادىدىن ئىلگىرىكىنىڭ قىسقارتىپ يېزىلىشى B.C بولۇپ (ئىنگلىزچە Before Chrisi ، خرىستوستىن ئىلگىرى دېگەن مەنىدە)، 1582-يىلى، رىم پاپاسى گېرىگورى ⅢⅩ جوليوس يىلنامىسى ئاساسىدا يېڭى يىلنامە تۈزۈپ چىقىپ بۇنى گېرى يىلنامىسى (يەنى مىلادى) دەپ ئاتاپ، 1582-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇشنى بەلگىلىگەن. ھازىر دۇنيادىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى دۆلەتلەر مۇشۇ يىلنامىنى قوللانماقتا. 1949-يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن باشلاپ مىلادى يىلىنى ئىشلىتپ كەلمەكتە.
دىن
公元(基督纪元)
gōng yuán
基
خىرىستيان دىنى
خرىستىئان ئېراسى، مىلادى، مىلادىيە
Specialized
Domain: خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە ئىشارە تىلىgōng yuán
زامان، ماكان
زامان
مىلادىيە
(1) سول قولنىڭ باشمالتىقى ۋە بىگىز بارمىقىنى ئاچىدۇ، ئوڭ قولنىڭ باشمالتىقى ۋە بىگىز بارمىقى بىلەن چەمبەر ھاسىل قىلىپ، سول قولنىڭ ئىچىگە قويىدۇ. (2) بىر قولنىڭ باشمالتىقى ۋە بىگىز بارمىقى بىلەن چوڭراق چەمبەر ھاسىل قىلىدۇ.
GetWord Corpus
Pronunciation: 8gōng yuán
مىلاد
مىلادىيە
مىلاد، مىلادىيە
About this entry
This is a Chinese–Uyghur dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.