Chinese→UyghurMain Dictionary
公社
دىن
wū mǎ ؛shè tuán ؛gōng shè gōng shè
ئۇممە
دۇنيا تارىخى
كوممۇنا
مۇئەييەن شەكىلدىكى ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكنى ئاساس قىلغان ئىجتىمائىي تەشكىلات ياكى كىشلەرنىڭ ئورتاق گەۋدىسى. ھەرخىل ئىجتىمائىي فورماتسىيىلەردە مەۋجۇت بولغانىدى، لېكىن خاراكتىرى، ئورنى ھەرقايسىسىدا ئوخشاش ئەمەس ئىدى. ئىپتىدائىي جەمئىيەتتىكى دەسلەپكى ئۇرۇقداشلىق كوممۇنا قاتارلىقلار بولسا ھەم ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىدىكى ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدە، ھەم بەلگىلىك ئىجتىمائىي تەرەققىيات باسقۇچىدا ۋەكىللىك قىلىدۇ. قۇللۇق جەمئىيەتنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا بەزى رايونلاردىكى شەھەر كوممۇنالىرى بىرخىل مۇستەقىل مۈلۈكچىلىك تۈزۈمى شەكلىگە ياكى شەھەر دۆلىتى تەشكىلىي شەكلىگە مەنسۇپ بولغان. لېكىن كېيىنكى تارىخ تەرەققىياتىدا، مۇئەييەن ئىجتىمائىي قۇرۇلمىنىڭ بېقىندىسى بولغان كوممۇنىنىڭ خاراكىتىرى، ئاساسىي يېتەكچىلىك ئورۇندا تۇرىدىغان ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرى ۋە سىياسىي تۈزۈمگە باغلىق بولغان. مەسىلەن: ئۇزۇندىن بۇيان قۇللۇق جەمئىيەت، فېئوداللىق جەمئىيەت، كاپىتالىستىك جەمئىيەتتە ساقلىنىپ كېلىۋاتقان يېزا كوممانلىرى ئەنە شۇنداقتۇر. جۇڭگودىكى خەلق كوممۇنىسى، كوللىكتىپ مۈلۈكچىلىكىدىكى سوتسىيالىستىك ئىقتىسادىي تەشكىلات بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بەزى ئاممىۋى، ئاپتونومىيىلىك ياكى باراۋەرلىك تۈسىنى ئالغان ئاپتونومىيە ئورگانلىرى، دىنىي تەشكىلاتلار، شۇنداقلا دۆلەتنىڭ بەزى مەمۇرىي رايونلارغا ئايرىلغان بىرلىكلىرىمۇ كوممونا دېيىلگەن. مەسىلەن: دەسلەپكى خرىستئان كوممونىسى، ⅧⅩ ئەسىردە فرانسىيىدىكى بەزى شەھەرلەرنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى، فرانسىيە، ئىتالىيە، بېلگىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئاساسىي قاتلام مەمۇرىي رايونلىرى قاتارلىقلار. 1871 - يىلى فرانسىيىدىكى پارىژ پرولېتارىياتى قۇرغان ئىنقىلابىي ھاكىمىيەتكە پارىژ كوممۇنىسى دەپ نام بېرىلگەن بولۇپ، ئۇ ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىلىرىگە بولغان ئومۇمىي خەلق مۈلۈكچىلىكى تۈزۈمى ۋە پرولېتارىيات دېموكراتىيسىى تۈزۈمى يولغا قويۇشنى ئەڭ ئالىي پرىنسىپ ۋە غايە قىلغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.
ئۇنىۋېرسال
gōng shè
كوممۇنا، گۇڭشې