Uyghur←ChineseMain Dictionary
گوكالې
Domain: دۇنيا تارىخى郭克雷
guō kè léi
(1866 - 1915) ھىنسىتانلىق مىللەتپەرۋەر، خەلق كونگرېسى پارتىيىسىدىكى مۆتىدىللەرنىڭ رەھبىرى. ماراتادىكى براخمان ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. بومبايدىكى ئەرفونىستون شۆيۈەنىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، پۇنافىگىسىن شۆيۈەنىنىڭ پروفېسسورى بولغان ھەمد ئىجتىمائىي پالىيەتكە قاتنىشىشقا باشلىغان، 1902 - يىلى خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگەن. بومباي قانۇن چىقىرىش پارلامېنتى (1899) ۋە ئىمپېرىيە قانۇن چىقىرىش پارلامېنتىنىڭ (1902) ئەزاسى بولغان. 1905 - يىلى خەلق كونگرېسى پارتىيىسىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان. 1905 - يىلىدىكى ئەنگلىيىگە قارشى كۈرەشتە، رادىكاللارنىڭ سىياسىي تەشەببۇسىغا قارشى تۇرۇپ، ئاساسىي قانۇنلۇق سىياسىي ئىسلاھات ئارقىلىق، ئەنگلىيە ئىمپېرىيىسى دائىرىسى ئىچىدە ھىندىستاننىڭ ئۆز - ئۆزىنى ئىدارە قىلىشنى پەيدىنپەي ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. شۇ يىلى ھىندىستان چاكارلار جەمئىيىتىنى تەسىس قىلغان. 1912 - 1915 - يىللىرى ھىندىستان جامائەت پاراۋانلىقى مۇلازىمەت كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان. ئىجتىمائىي ئىسلاھاتنى تەشەببۇس قىلغان، مائارىپنى تەكىتلىگەن، ئاددىي خەلقنى ۋە تۆۋەن تائىپىدىكىلەرنى خارلاشقا قارشى تۇرغان، جەنۇبىي ئافرىقىدىكى ھىندىلارنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاشنى تەلەپ قىلغان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.