UyghurMain Dictionary
گېنجى ھەققىدە قىسسە
دۇنيا تارىخى
ياپونىيىنىڭ خىراياسو دەۋرىدىكى رومان. ئاپتورى موراساكى شىكىبۇ. Ⅸ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا يېزىلغان. جەمئىي 54 توم، 1 مىليون خەتلىك. پۈتۈن ئەسەردە ئاقسۆڭەك ئوغۇل - قىزلارنىڭ مۇھەببىتى مەركەز قىلىنىپ، ئاقسۆڭەكلىرى جەمئىيىتىنىڭ ھەر جەھەتىكى تۇرمۇشى ۋە پىسخىك ھالىتى تەسۋىرلەنگەن، ئاقسۆڭەكلەر جەمئىيىتىنىڭ ئىچكى زىددىيەتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ زاۋالغا يۈز تۇتقان تارىخىي پاش قىلىنغان. ئالدىنقى 44 تومىدا گېنجى باش قەھرىمان قىلىنىپ، ئۇنىڭ ئۆز ئەتراپىدىكى قىزلار بىلەن بولغان مۇرەككەپ مۇھەببىتى ۋە شانۇ - شەۋكەتلىك تۇرمۇشى تەسۋىرلەنگەن؛ كېيىنكى 10 تومدا گېنجىنىڭ نىكاھسىز بالىسى شۇنجون باش قەھرىمان قىلىنىپ، ئۇنىڭ ئۇجى جىجۇن بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى تەسۋىرلەنگەن، شۇڭا ئۇ <ئوجى ھەققىدىكى ئون قىسىم> دەپ ئاتالغان. بۇ كىتاب ياپونىيىنىڭ كېيىنكى ئەدەبىيات تەرەققىياتىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن. شۇنداقلا دۇنيا ئەدەبىيات خەزىنىسىدىكى مۇھىم ئەسەر ھېسابلىنىدۇ. خەنزۇچە تەرجىمىسى بار.