Uyghur←ChineseMain Dictionary
گلۇكاگون
بىئولوگىيە
胰高血糖素
yígāoxuètángsù
لانگېرگانس ئارالچىلىرى A (a) ھۈجەيرىلىرى ئاجراتقان گورمون. 29 ئامىنو كىسلاتاسىدىن تۈزۈلگەن پولى پېپتىد مولېكۇلا ئېغىرلىقى 3485. گلۇكاگونلار جىگەر گلىكوگېنىنىڭ پارچىلىنىشى ۋە گلىكوگېنىنىڭ غەيرىي ھاسىل بولۇش رولىنى تېزلىتىپ قان قەنتىنى ئۆرلىتەلەيدۇ، مايلارنىڭ پارچىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ قاندىكى ئەركىن ماي كىسلاتاسى مىقدارىنى ئۆرلىتىدۇ. قان قەنتى سەۋىيىسى تۆۋەنلىگەن ۋە قاندىكى ئىنسۇلىن مىقدارى يۇقىرىلغان چاغدا گلۇكاگوننىڭ ئاجرىلىشى كۆپىيىدۇ؛ ئىنسۇلىن ئاجرىلىشى كېمەيگەن ۋ قان قەنتى كونسېنتراتسىيىسى ئۆرلىگەن چاغدا بولسا، گلۇكاگوننىڭ قويۇپ بېرىلىشى تورمۇزلىنىدۇ. شۇڭا گلۇكاگون بىلەن ئىنسۇلىنلار رولى ئاساسەن ئەكسىچە بولغان ئىككى خىل گورمون بولۇپ، ماددا مېتابولىزمىنى تەڭشەش جەريانىدا ھەم ئۆزئارا باغلىنىشىپ ھەم ئۆزئارا قارشىلىشىپ، بەدەندىكى ماددا سىنتېزى ۋە پارچىلىنىشىدا بولۇپمۇ قان قەنتىنىڭ كىنېتىك تەڭپۇڭلۇقىنى تەڭشەشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا گلۇكاگون يەنە يۈرەك مۇسكۇلىدىكى ئېنزملارنى ئاكتىپلاشتۇرالمىغاچقا يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ قىسقىراش كۈچىنى كۈچەيتىپ، يۈرەك رىتىمىنى تېزلىتىپ يۈرەكنىڭ قان چىقىرىش مىقدارىنى ئاشۇرىدۇ. قان بېسىمىنى ئۆرلىتىدۇ. ھازىر كلىنىكىدا بەزى يۈرەك - قان تومۇر كېسەللىكلىرىنى داۋالاشتا ئىشلىتىلمەكتە.
تېببىي
高血糖素
gāo xuè táng sùDئۇنىۋېرسال
葡萄蛋白
pú táo dàn bái